تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«ياخشى يول»نى توغرا تېپىش «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاش

− ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، خوتەن شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ سەكسەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسىنىڭ سەكسەن كەنتىگە جايلاشقان جيايى كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت پىششىقلاش زاۋۇتىدا، بۇ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى ئادالەت ئەستۇللا ۋە ئىشداشلىرى مەكتەپ فورمىسى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «مەن زاۋۇتتا ئىشلەپ ئايدا 1500 يۈەن تاپالايمەن.» ئادالەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ كىرىمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مەن بىلەن بىللە زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان 35 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشاي دەپ قالدى.

   كەنت قۇرغان زاۋۇتلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بەردى

  سەكسەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، خوتەن شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسىنىڭ سەكسەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، كەنتتە كارخانا قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتە جيايى كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، زاۋۇت 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، 76 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان مەكتەپ فورمىسى، خىزمەت فورمىسى قاتارلىق كىيىم - كېچەكلەر بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.

  بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىزمەت ئەترىتى يەنە زاۋۇت رايونىدا مەخسۇس بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى قۇرۇپ، بالىلارغا ھەقسىز ھاۋالىلىك قارىدى. «زاۋۇتتا ئىشلىگەندە، ھېيت - بايراملاردا مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، تۇغۇلغان كۈنىمىزنى كوللېكتىپ تەبرىكلەيمىز، كۈچلۈك تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى بۇئالى مەتتوختى.

  2018- يىلى، خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتىكى يېمەكلىك زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، قېتىق، ماروژنى، ناۋات، كونسېرۋا قاتارلىق ئالتە چوڭ تۈردىكى 60 نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردى. بۈگۈنكى كۈندە، 20 نەچچە كەنت ئاھالىسى يېمەكلىك زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

   ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھەممەيلەننى ئورتاق بېيىتتى

  «باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، بىر يىل جاپا تارتىپ كالا باقساممۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتىم. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، ئىشىم يەڭگىللەپلا قالماي، يەنە پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ» دېدى سەكسەن كەنتىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كەنت ئاھالىسى مەتئابدۇللا ئەخمەتتوختى.

  سەكسەن كەنتىدىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما ئۆيىدىكى چارۋىلارنى باقىدىغان ئادەم يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىش، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئارقىلىق باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى قارار قىلدى. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ئارقىلىق، 72 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، ھەر يىلى بىر قويغا 150 يۈەن، بىر كالىغا 950 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تەقسىملىنىدىغان پايدىنى ئالدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2018- يىلى 7- ئايدا قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، جەمئىي 35 كالا، 170 قوي، 12 مىڭ چىپار قارا توخۇنى ھاۋالىلىك باقتى. بۇ، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى، ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  كەنت ئاھالىسى توختىسۇلايمان ياسىن ئىلگىرى ئۆزى يالغۇز سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ ۋە خوتۇنى ئۆيىدىكى قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپ، بىللە سىرتقا چىقىپ پۇل تاپتى. «بىز سىرتتا بىللە ئىشلىسەك، بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، يەنە كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايدىكەنمىز» دېدى توختىسۇلايمان.

  2018- يىلى، پۈتۈن كەنت بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 656 كىشىگە يەتتى.

   ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

  «قەدىردانلىرىم، كۆپچىلىك كۆرۈپ تۇرغان بۇ گۈلقەنت خوتەننىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل يېمەكلىكى، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ!» 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئارزۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زۇلپىقار مۇختەر يان تېلېفونىدىن پايدىلىنىپ تور بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدا مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. «ھازىر تور دۇكىنىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ئالاھىدە ياخشى، بۇنىڭ ھەممىسىدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى زۇلپىقار.

  زۇلپىقار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شاڭخەيدىكى بىر شىركەتتە خىزمەت قىلغانىدى، 2017- يىلى خوتۇنى بىلەن ئۆيگە قايتىپ تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەندە خىزمەت ئەترىتى تەۋسىيە قىلغان خوتەن شەھىرىدىكى ياشلار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشتى. تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، زۇلپىقار ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىدا تور دۇكىنى ئېچىپ خوتەننىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئويى پەيدا بولدى. زۇلپىقار خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىق ئويىنى ئېيتىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ شەھەر مەركىزىدىن ئىككى يۈرۈش دۇكان تاپتى ھەم 10 مىڭ يۈەن تۈر قوللاش مەبلىغى ئىلتىماس قىلدى.

  ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارزۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئېچىپ بەردى.

  «ئارزۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئۆيدە تۇرۇپلا بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن زاكاز قوبۇل قىلالايدىغان بولدۇم» دېدى ياڭاق سېتىۋېلىش چوڭ ئائىلىسى يۇنۇس روزىمەمەت خۇشال ھالدا.

  ھازىر، ئارزۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈلقەنت، ھەسەل، قۇرۇق ئۈزۈم، سوقماق قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتىنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، قىزىلگۈل غۇنچىسىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە سېتىلىش سوممىسى 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، 2018- يىلى سەكسەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8000 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، نامرات كەنت دېگەن قالپاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۆرۈپ تاشلىدى.

  «بۇ يىل بىز خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدىن بارغان سەكسەن كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى شۈ يۇڭجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى