تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە، ئالىم تۇرسۇن ئائىلىسىنى يوقلىدى، ھال سورىدى ھەم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ئوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  تۇرپان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىدا ھازىر يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، ئىلمە توقۇلما، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - باش كىيىم قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 18 كارخانا بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چېن چۈەنگو چاڭشىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئەھۋالى، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. 28 ياشلىق ئالىيەگۈل يىپ ئېگىرىش ئىشچىسى بولۇپ، ئۇ خۇشال ھالدا ئۆزىنىڭ ھەر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، ھازىرقى خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چېن چۈەنگو ئۇنى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە، ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ بېيىشقا رىغبەتلەندۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش، تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونىدىكى GC002 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ساقچى پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان مۇھىم ۋاسىتە، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى كۆزلەشكە دائىر تەدبىرلەرنى يەنىمۇ بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  قازىخان مەسچىتىدە، چېن چۈەنگو دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، دىنىي ساھەدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىگە كېلىپ، ئالىم تۇرسۇن، ساتتار زۇنۇن ئائىلىسىنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى. چېن چۈەنگو ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ، كىرىم ئەھۋالىنى سوراپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى. چېن چۈەنگو يەنە كەنت 1- شۇجىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش، ئاممىۋى خىزمەت قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، چېنىقتۇرىدىغان «مەشىق مەيدانى»، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن چۈەنگو تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا تەۋرەنمەسلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تەۋرەنمەسلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىشتە تەۋرەنمەسلىك، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەۋرەنمەسلىك، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشتا تەۋرەنمەسلىك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.