تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماقنى خۇشال كەيپىياتتا يېمىسە ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ

  ئامېرىكا ئوخىئو شتاتلىق داشۆنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تاماق يېگەندە خاپا، پاسسىپ كەيپىياتتا بولىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان سەمرىپ كېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 24 ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان 42 جۈپ پىدائىينى قوبۇل قىلغان. ئىككى كۈنلۈك تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلاردىن تاماق يېگەندە، پۇل، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان تېمىلار ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ھەمدە ئۆيگە سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. تاماقتىن كېيىنكى يەتتە سائەتتە، تەتقىقاتچىلار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى (يەنى كۆيدۈرگەن ئىسسىقلىق مىقدارى)نى ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچىگەن، ھەر قېتىمدا 20 مىنۇت كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان ئەۋرىشكىسىدىكى قان شېكىرى، ئىنسۇلىن، ترىگلىتسېرىد مىقدارىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە، تاماقتىن كېيىن بىرىنچى قېتىم ئۆلچىگەندە، پاسسىپ كەيپىياتتا بولغان قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر سائەتتە كۆيدۈرگەن ئىسسىقلىق مىقدارى باشقىلارنىڭكىدىن 31 كالورىيە ئاز بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قېنىدىكى ئىنسۇلىن سەۋىيەسى باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭكىدىن ئوتتۇرىچە %12 يۇقىرى چىققان، ئىنسۇلىننىڭ ماينىڭ ساقلىنىشىغا ياردىمى بار بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، پىروفىسسور جەين جىكولت گلاسېر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۈندە كۆيدۈرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى 100 كالورىيە ئازلىسا، بۇنداق يىغىلىۋەرسە، بىر يىلدا بەدەن ئېغىرلىقى 10 جىڭدەك ئاشىدۇ. شۇڭا تاماق يېگەندە ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى