تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ تۇڭ): مۇلازىمەت كۆزنىكى كۆپەيدى، تەكشۈرۈش ئورنى كېڭەيدى، ئىشلەش مۇھىتى ياخشىلاندى... 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دېيىلىدۇ) ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كۆچۈرۈلۈپ بولۇنۇشى بىلەن، 36 تۈرلۈك ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇقنى باشقۇرۇش كەسپىنى 1200 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئورۇندا بىر پونكىت شەكلىدە بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى.

  6-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئەسلىدىكى مالياۋدى كوچىسىدىن داپۇگۇ شىمالىي يولى 2799-نومۇر شىنجاڭ يۆخې ئاپتوموبىل مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كۆچۈرۈلگەن. سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن چوڭ ئەترەت باشلىقى دۇ گاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مەيدانى چەكلىك، مۇلازىمەت كۆزنىكى بىر قەدەر ئاز، سىرتتا تەكشۈرۈش ئورنىمۇ بىر قەدەر چەكلىمىلىككە ئۇچرىغان. «ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى يېڭى ئورنىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەيدان چوڭايدى، مۇھىت ياخشىلاندى، مۇلازىمەت كۆزنىكى 15كە كۆپەيتىلدى، مۇناسىپ خىزمەتچى خادىملارمۇ سەپلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىدە ئاپتوموبىلنى سىرتتا تەكشۈرۈش رايونىدا بىرلا تەكشۈرۈش خادىمى ۋە بىرلا ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغان تەكشۈرۈش ئورنى بار ئىدى، ھازىر ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى بىر يولغا ئايلاندى، تەكشۈرۈش خادىملىرىمۇ كۆپەيتىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇقنى باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى دۇ گاڭ.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلگەن ئىش بېجىرىش زالى ئىنچىكىلىك بىلەن تۆت رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇلازىمەتچىسىز مۇلازىمەت رايونى، ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش رايونى، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش رايونى ۋە چىگىچ كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رايونىدىن ئىبارەت ئىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ئىش بېجىرىش زالىغا بېرىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇلازىمەتچىسىز بېجىرىش ياكى كۆزنەكتە بېجىرىشنى تاللىسا بولىدىكەن. نۆۋەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ نامىنى يۆتكەش، ئالاقە تورىدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېلىش، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 تۈرلۈك ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇقنى باشقۇرۇش كەسپىنى بۇ يەردە بىر پونكىت شەكلىدە بېجىرىشكە بولىدىكەن.

  ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرمەكچى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى، سىداۋچادىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى-كۈيتۈن تۇتىشىش لىنىيەسى (تۇرپان يۆنىلىشى)دە، جيۇدىڭ بازىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىپ 100 مېتىر مېڭىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈك سۈڭگۈچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوڭغا ئەگىپ ئۇدۇل 500 مېتىر ماڭسا يېتىپ بارىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى