يېقىندا، تولى ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۆرشۆلىت يېزىسى بۆرىكتال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «كەنت ئاھالە كومىتېتى + ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ + كەنت ئاھالىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بۆرىكتال كەنتىدە تۇنجى دېھقانلار ئارامگاھىنى قۇردى.
دېھقانلار ئارامگاھى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرى باققان توخۇ، قوي، تېرىغان كۆكتاتلار دېھقانلار ئارامگاھىنى يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
(تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن پەرىدە، شياۋ رۇڭ تەمىنلىگەن)