تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، پىراكتىكانت يې جۈنجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ پېيچى): شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار خۇاباۋ كەچلىك بازىرى يېقىندا ئېچىلىپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ يەردە ساياھەتچىلەر يەرلىك خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاندىن باشقا، يەنە قويۇق ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلالايدۇ.
«قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ ئېچىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چۆچەك شەھىرى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر كەچلىك بازار قۇردى، بۇ نۆۋەتتىكى چۆچەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كەچلىك بازار» چۆچەك شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ لىيەن مۇنداق دېدى، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ ئېچىلغانلىقى چۆچەك ساياھەتچىلىكىدە تارىخىي يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەچلىك بازاردىكى مەززىلىك تائاملارنىڭ شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى چۆچەككە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشىغا ئىنتىزارمىز.
«خۇاباۋ كەچلىك بازىرىدا چۆچەكنىڭ خاس يېمەكلىكلىرى بار» جاڭ لىيەن مۇنداق دېدى، چۆچەكنىڭ قۇرۇتۇلغان گۆشى، مۇرابباسى، ماروژنىسى، قوي پاچىقى بولكىسى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە تولۇق، بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلەر يەنە مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىدا چۆچەكنىڭ يەرلىك قول ھۈنەر-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدۇ. كەچلىك بازاردا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى مۇقىم بولۇپلا قالماي، ساياھەتچىلەر يەنە ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.