تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ئورماندا توخۇ بېقىش دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى

    6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسىدا 2019-يىللىق «ئورماندا توخۇ بېقىش» چۈجە تارقىتىش يىغىنى ئېچىلىپ، 20 كەنت ئاھالىسىگە سورتلۇق چۈجە تارقىتىلىپ بېرىلدى.
    كەنت ئاھالىسى ئايخان ئىدرىس تارقىتىپ بېرىلگەن 30 چۈجىنى كۆتۈرۈپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇلتۇر ماڭا 30 چۈجە تارقىتىپ بېرىلگەن، بېقىش ئارقىلىق 1200 يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل يەنە 30 چۈجە تارقىتىپ بېرىلدى، بۇلتۇر تەجرىبىلىك بولۇپ قالغاچقا، بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى بېقىپ كېتىشكە ئىشەنچىم بار، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت!»
    بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاتۇش شەھەرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز كەنتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، بۇلتۇرقى «چۈجە تارقىتىپ بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش» ئاساسىدا، بۇ يىل بۇ پائالىيەتنى داۋملىق قانات يايدۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەن سورتلۇق چۈجە

    بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە «كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى + دېھقان ئائىلىسى + ساياھەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن كەنت كومىتېتى مەبلەغ چىقىرىپ چۈجە سېتىۋېلىپ، ئېھتىياجلىق ئاممىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، چۈجە ئەي بولغاندىن كېيىن، كەنت كومىتېتى تارقىتىپ بەرگەن چۈجىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىلگىرى كەنت كومىتېتى مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغان تەننەرخ سۈپىتىدە قايتۇرۇۋالدى، قالغىنىنى نامرات ئاھالىلەر خالىغانچە سېتىۋەتسىمۇ ياكى كەنت كومىتېتى قايتۇرۇپ سېتىۋەتسىمۇ بولىدۇ، كەنت كومىتېتى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بازىسى، كەچلىك بازار قاتارلىقلارنى توخۇ گۆشى، تۇخۇم قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلارنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
    كەنتنىڭ 1-شۇجىسى دۈەن خوڭمىڭ مۇنداق دېدى: «ئورماندا توخۇ بېقىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىي ئەھۋال، يەرلىك توخۇ بېقىش بازىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئارزۇسىغا بېرلەشتۈرۈپ بېكىتىلگەن. بۈگۈن تۇنجى تۈركۈمدە چۈجە تارقىتىلدى، بۇلتۇر باقمىچىلىق ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان كەنت ئاھالىلىرىگە ئالدىن تارقىتىپ بېرىلدى، كېيىن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تارقىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئورماندا توخۇ بېقىشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىغا ئايلاندۇرىمىز.»


«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى