تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قۇتۇبىغا كەلسىڭىز گۈل دېڭىزىدا بىللە سەيلە قىلايلى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ليۇ شىنساۋ، جوۋ پېڭ، ياڭ گۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى سۈنلىڭ): 4-ئاينىڭ بېشىدىكى ئېريۆلەن سەيلىسىنى، 5-ئايدىكى تاشئالما گۈلى سەيلىسىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىڭىز، 6-ئايدىكى دەرەخ ئەتىرگۈل سەيلىسىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى شىسەنخۇ كەنتىگە كېلىپ، بۈك-باراقسان ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتكەندە، چوڭ بىر پارچە يەردىكى ئاقۇچ ھال رەڭ ئەتىرگۈللەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى.

    قۇتۇبى ناھىيەسى جيايى دېخۇي گۈل-گىياھ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دىڭ يۇڭبىن مۇنداق دېدى: بۇ ئەتىرگۈللەرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 30 مو، سورتى دەرەخ ئەتىرگۈلى، ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ ئەتىرگۈللەر ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە ئۆسۈپ كۆچەت ئېگىزلىكىگە يېتىدۇ، دەرەخ ئەتىرگۈلىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئادەتتە 5-ئايدىن 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى