ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك">
تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو، جىن دېشۈي، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار قاتناشتى

  6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كوللېكتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملىدى. سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۈي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرماقتا.

  (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كوللېكتىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۈي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتناشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، قارىغاي، ئارچىلار ئوراپ تۇرغان خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. چېن چۈەنگو، جىن دېشۈي، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار بۇ جايغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، «تىيانشان ئابىدىسى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەھرىمانلارچە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى خاتىرە سارىيى چوڭ زالىدا، چېن چۈەنگو بارلىق يولداشلارنى باشلاپ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى بىرلىكتە تەكرارلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسى ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق بىر ئەۋلاد پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى قۇرغان قىزىل ئارمىيە قىسمى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شى تارىخى سارىيىغا كېلىپ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار، تارىخىي پەيتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان قىممەتلىك سۈرەتلەر، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇرۇنقى جەڭ مەيدانى مەنزىرىلىرى ئالدىدا پات - پات توختاپ، ئۇزاققىچە تىكىلىپ قاراپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، تارىخ ۋە دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، زەمبىرەك ئوقى قېپىدىن ياسالغان «كەتمەن»، تۈز يەرگە ئويۇلغان گەمە، 100 نەچچە قېتىم يامالغان ھەربىيچە پەلتو... ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك بىڭتۇەن روھى ۋە شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشتەك پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ھەربىر يولداشنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن روھى ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەننىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيدا سادىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ماركسىزمغا سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەش - كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئۇرۇق چاچقۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان روھىي ھالەتكە ۋە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېتىرقىنىپ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ پىرىنسىپىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، پارتىيە ئىشلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە شەخسىيەتسىز، قورقماس جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.