ئاسىيا ئۈچۈن تەرەققىياتنى كۆزلەش، دۇنيا ئۈچۈن بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەش">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاسىيا ئۈچۈن تەرەققىياتنى كۆزلەش، دۇنيا ئۈچۈن بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەش

ـــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

  ھاياتىي كۈچكە تولغان يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ئېسىل، ياخشى ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن يۈزبەردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى باشلىقلار يىغىنىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ يول بويى كۈچلۈك داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

  ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى؛ دەۋر خىرىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان جۇڭگو كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  ۋاقىت سادىق خاتىرىلىگۈچى. ئۇ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىنغان 27 يىلدىن بۇيان، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى خاتىرىلىدى، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. مەيلى ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولسۇن ياكى ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بولسۇن، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتكە دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ھەر ۋاقىت زامانغا ماسلىشىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ، دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەيدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس ئارقىلىق قانداق ئاسىيا قۇرۇش، ئاسىيانى قانداق قۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، بۇ، ئاسىيانىڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئاسىيا قۇرۇشتا، مۇھىمى نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش ۋە قورۇقچىلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى تەدرىجىي كېڭەيتىش؛ بىخەتەر، مۇقىم ئاسىيا قۇرۇشتا، جەزمەن سۆھبەتلىشىش ئەمما قارشىلاشماسلىقتا، ھەمراھ بولۇش ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىك ۋە ئورتاق خەۋپسىزلىككە ئىنتىلىش كېرەك؛ تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن ئاسىيا قۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «باش ئاچقۇچ»نى چىڭ تۇتۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا قۇرۇشتا، قىممەتلىكلىكى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولۇش مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، رايون ئىچى - سىرتىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يولدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش؛ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا قۇرۇشتا، زۆرۈر بولغىنى دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىش ئارقىلىق ئاسىيا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە، جۇڭگو ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى؛ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە، جۇڭگو يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر شارىۋى تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشتى. «قەتئىي تۈردە تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق، قوشنىلارغا ئورا كولىماسلىق» «ئوچۇق، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش» «قەتئىي تۈردە كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش»... بۇ تەنتەنىلىك ۋەدە، شۇنداقلا قەتئىي ئېتىقادتۇر، تېخىمۇ مۇھىمى جەسۇرلۇق بىلەن سەمىمىي يولغا قويۇشتۇر. چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەش دۇنياسىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ھەرقانداق ئېزىتقۇنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىماي، بارلىق بوران - چاپقۇنلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماي، بېكىتىلگەن يۆنىلىشكە قاراپ دولقۇن يېرىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىدىن ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگىچە، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنىغىچە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى ئىزچىل ئىدىيە، دۇنيا ئاۋامغا مەنسۇپ بولۇش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى ئۆزگەرمەس ھېسسىيات. زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ مەيداندىن چېكىنىشنى خالىماسلىقىغا قارىتا، جۇڭگو ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى قاتارلىق كەسكىن خىرىسلارغا قارىتا، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى؛ يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىقنىڭ خالىغانچە مۇتتەھەملىك قىلىشىغا قارىتا، جۇڭگو ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىدى. «ئادەمنىڭ پەزىلىتى ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىدىن، تەرىپى باشقىلاردىن.» ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان جۇڭگو بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۈنسېرى «دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى»غا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  «دانىشمەنلەر ئاق كۆڭۈللۈك ۋە تىنچلىققا ئىنتىلىدۇ، نادانلار تالاش - تارتىش ۋە ئۇرۇشقا بېرىلىدۇ.» سۆز ئاخىرلىشاي دېگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ تاجىك مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى رۇداكىنىڭ شېئىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاز - تولا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ھەم كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى. پەقەت بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىشكە بوشاشماي ئىنتىلسەكلا، چوقۇم ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە ئورتاق قەدەم تاشلىيالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى