تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بالىلاردا قىزىققانلىق كەيپىياتى كۆرۈلگەندە، ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال «سوغۇققان» بولۇشى كېرەك

  مەلۇم ئۈندىدار سۇپىسىدا مۇنداق سوئال سورالغان: مېنىڭ ئىككى بالام بار، كىچىكى بۇ يىل ئەمدىلا باشلانغۇچ بىرىنچى يىللىققا چىقتى، مىجەزى چۇس، نەرسە-كېرەكلەرنى قالايمىقان ئاتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى پات-پات مېنى مەكتەپكە چاقىرتىدۇ، بىزمۇ بالىمىزدا «زورلۇق خاھىشى» بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن، بالىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ماڭىلا يۈكلىنىپ قالغان، مەن ھەم بالا بېقىپ ھەم ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاچقا، بەزىدە مىجەزىممۇ چۇس بولۇپ قالىدىكەن، مېنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلۇمدىكى مەسىلە سەۋەبلىك بالىلار شۇنداق بولۇپ قالغانمىدۇ؟

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى

  جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يەن يۈ مۇنداق دېدى: بۇ مىسالدىكى ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا بىر قەدەر چوڭ پەرق بار، بىرى ھەددىدىن زىيادە ئەركە، يەنە بىرى قىزىققان. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيەلەش كۆز قارىشى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىكى زور ئوخشىماسلىقلار بالىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا، بالىلار قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەي قالىدۇ. ئانا  ئامال بار ياخشى كەيپىياتىنى ساقلاپ، بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئىپادىلەيدىغان بوشلۇق ۋە ۋاقىت بېرىشى كېرەك؛ دادا بولغۇچى پىرىنسىپ تۇرغۇزۇپ، ئانىنىڭ مۇۋاپىق باشقۇرۇشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

  ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ كىشلىك ئالاقىسىدە بىلىش جەھەتتە ئازراق پەرق مەۋجۇت بولىدۇ. ئائىلىدە ئانىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى بالىلارنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش، ئاچچىقىنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ، شۇنداقلا بالىلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى دوراپ، قىسمەن يامان كەيپىياتنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشكە، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشىغا ئالدىرايدۇ، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشىمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان، ھۆركىرەش، ۋارقىراش بالىلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى دەسلەپكى يولىغا ئايلىنىپ  قالىدۇ.

  بۇنداق بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن تەربىيەلەش ئىدىيەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوخشاشلا «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى»، قىزىققانلىق بىلەن قىلىنىدىغان تەنقىد ئازراق بولۇشى، كۆپرەك ئىجابىي يېتەكچىلىك قىلىشى ھەم بالىنىڭ شەخسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ھەم بالىلارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئاتا قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىنىڭ مىجەزىنى بىراقلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ كەيپىياتى چۇس چاغدا، قاتتىق گەپ قىلىش بالىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى يېتەرلىك تونۇشى كېرەك. ئەكسىچە، بالىغا تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىش، بېشىنى سىيلاش، قۇچاقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغاندا، بالا تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ئارقىدىن ئاستا-ئاستا توغرا يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، «تۇيۇقسىز ئاچچىقلىنىش» نىڭ تەپسىلاتىنى ئاستا-ئاستا چۈشەندۈرۈپ، بالىغا قەيەرنى توغرا قىلغانلىقى، قەيەرنى خاتا قىلغانلىقى، قانداق توغرا يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ يېتەكلەش، بالىنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشىغا قەدەممۇقەدەم يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  «بالام، ئالدىرىما»، بۇ مېنىڭ تەربىيە جەريانىمدا دائىم بالىلارغا دەيدىغان سۆزۈم، بۇ سۆزنى ئوخشاشلا ھەرقايسى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەقسىتىنى تولۇق چۈشەنمىسە ھېچقىسى يوق، ئاستا-ئاستا كەلسە بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك؛ بەزى مەشىقلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا ئىشلىيەلمىسە، ھېچقىسى يوق، ئاستا-ئاستا ئىشلەپ، كەمچىلىكلىرىنى كۆپرەك يەكۈنلەش كېرەك ؛ كەيپىياتىنى تىزگىنلىيەلمەي ئاچچىقلىسا، ھېچقىسى يوق، ئاستا-ئاستا كۆڭلىدە بەشكىچە ساناپ ئاندىن ئويىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىش ۋاقتى بولىدۇ، ئالدىرماسلىق، كۆپچىلىككە تېخىمۇ توغرا بولغان مەسىلىلەرگە توغرا يۈزلىنىش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.  

                                            بېيجىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى