تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقئارا قائىدە يىپلىق ياغاچ قونچاق ئەمەس

ــــ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش» ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك

جۇڭ شېڭ

  بىر قىسىم ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ نەزەرىدە، دۇنيا سەھنىسىدە ئوينىلىۋاتقىنى ئامېرىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ئويۇنى، خەلقئارا قائىدە ئۇلارنىڭ قولىدىكى يىپلىق ياغاچ قونچاق. سېنارىيەنى قانداق پىلانلاش، ۋەقەلىكنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتا پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب، چۈنكى ئۇ ئامېرىكا. شۇنى سوراپ باقايلى، بۇنداق بولغاندا قانداقمۇ ئادىللىقتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ تەستە قولغا كەلگەن خەلقئارا تەرتىپنى يەنە نېمە ئارقىلىق قوغدىغىلى بولسۇن؟

  نۆۋەتتە، ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار بىر تەرەپتىن ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى ئۈستىدە قۇرۇق گەپ ساتسا، يەنە بىر تەرەپتىن «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ باشقا دۆلەت كارخانىلىرىغا بېسىم ئىشلەتتى؛ بىر تەرەپتىن «ئەركىن، ئادىل ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سودا» دەپ جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىن بىۋاسىتە ئەگىپ ئۆتۈپ چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلەتتى؛ بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرگە «قائىدىگە رىئايە قىلمىدى» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىچكى قائىدىسىنى خەلقئارا قائىدىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى، ھەتتا جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا بېجى چەكلىمىسىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى «نامۇۋاپىق قانۇن نەزەرىيەسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى مىساللار ھەقىقەتەن بەك كۆپ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقتى، تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ كېلىشىمى، يەر شارىۋى كۆچمەنلەر كېلىشىمى، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى... «قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مېخانىزم تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تەھدىت تۇغدۇرۇۋاتقىنى باشقا دۆلەت ئەمەس، بەلكى مۇشۇ سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئامېرىكا.» ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىكنىڭ خورسىنىشى دۇنيا ئەھلىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

  دەرۋەقە، 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا قائىدىنى ئاساس قىلغان بىر يۈرۈش خەلقئارا تەرتىپنى تۈرتكە بولۇپ ئورناتقان. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار نۆۋەتتىكى خەلقئارا قائىدىنىڭ «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «ئۈستەلنى ئۆرۈۋېتىپ كېتىمىز» دەپ تەھدىت سېلىپ، خەلقئارا تەرتىپنى زورمۇزور كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان «ئورمانلىق قائىدىسى»گە ئايلاندۇرماقچى بولدى.

  مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىپ، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلىدى، ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار خەلقئارا قائىدىنى يىپلىق ياغاچ قونچاق ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكى، نەپسانىيەتچىلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆز مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە زورايتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان قائىدە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشتىن ئايانماي، شەخسىي غەرەز بىلەن دۇنيانى مالىمان قىلدى؛ ساختا چۈمپەردىنى يىرتىشتىن ئايانماي، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى مەڭگۈ كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇشقا قەستلىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاللىقاچان ھازىرغا قەدەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىمىگە ئەمەل قىلمايدىغان ئەڭ چوڭ «قائىدىگە بويسۇنمىغۇچى» بولۇپ قالغان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  قائىدىنى كۆزگە ئىلماي، ۋاسىتە تاللىمىدى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار چوڭ دۆلەت ئالاقىسىنى ئۆزئارا كۈچ سىنىشىدىغان نۆل يىغىندىلىق تىركىشىشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز دۈشمەن ئىزدىدى ۋە دۈشمەن پەيدا قىلدى ھەم دۈشمەننىڭ ئۆزلىرىنى قانداق تەھدىتكە ئۇچرىتىش خىيالىغا پېتىپ كەتتى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى باشقىلار ئەمەس، بەلكى تەكەببۇر، جاھىل، بىر تەرەپچىللىكنى خالىغانچە يولغا قويۇۋاتقان ئۆزى. خۇددى مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر يېقىندا «ئاسىيانىڭ كەلگۈسى» خەلقئارا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا دەل جايىغا تەگكۈزۈپ كۆرسەتكەندەك: «ئامېرىكا ئۆزى مەڭگۈ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بولۇشىنى ئويلايدۇ، ئەگەر مەن (ئامېرىكا) ئالدىنقى قاتاردا تۇرالمىسام، سېنى جازالايمەن، دۆلىتىڭگە ھەربىي پاراخوتى ئەۋەتىمەن، دەيدۇ. بۇ رىقابەت ئەمەس، بۇ تەھدىت».

  ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئۆزىنى قالتىس ئۈستۈن چاغلاپ، باشقىلارنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالدى، ھەيۋەتلىك دەۋر ئېقىمىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتمىدى. بۈگۈنكى دۇنيادا، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات، ھەمكارلىق توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئېقىم، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىسىدە زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى، بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ «كۆپ سانلىقلارنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى» ئىكەنلىكىنى، مۇقەررەر ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىز ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلارنى ئېقىم ۋە قائىدىنى كۆزگە ئىلماي ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا قارشى ھەرىكەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ قائىدىنى دەپسەندە قىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك ئويۇنى ھېچقانداق ياخشى نامغا ئېرىشەلمەيدۇ. ياپونىيەلىك ئالىم مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ مونوپول ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كارخانىلىرىغا بېسىم قىلىشى «ئويۇن قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىش»؛ ئامېرىكا پېڭبو ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان باش ماقالىدە «بۇ بىر ئېغىر خاتالىق» دەپ قارالدى. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدىمۇ ئېتىراپ قىلىندىكى، ئامېرىكا تەرەپ «باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېڭى سودا بىتىمى ھاسىل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئارقىدىنلا بۇ كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ مەقسەتكە يېتىشنى مۇھاكىمە قىلدى». بۇ ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار شۇنى بايقايدۇكى، قائىدە بىلەن ئوينىشىش ئاخىرىدا ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مۇقەررەر ھالدا يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە گۇمانىي خەۋپسىرەش، دۈشمەنلىشىشنى بۇرمىسىمان ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  قائىدە ئۆزىگە پايدىلىق بولغاندا، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزمەسلىك؛ قائىدە ئۆزىگە پايدىسىز بولغاندا، ئۈستەلنى ئۆرۈپ تاشلاپ كېتىش. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ خەلقئارا قائىدە ئالدىدىكى «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش» ئۇسۇلىنى تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان زومىگەرلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھالبۇكى، كىمنىڭ بىلىكىنىڭ توملۇقى، كۈچىنىڭ زورلۇقىدا بەسلىشىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى، زوراۋانلىق بىلەن قائىدىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، قائىدىنى رېزىنكە لايدەك خالىغانچە يانجىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغاندا، مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت يولسىزلارغا ھېچكىم يار - يۆلەك بولمايدىغان، ئۆز ئوبرازىنى ئۆزى ۋەيران قىلىدىغان، ئۆز بېشىغا ئۆزى چىقىدىغان يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى