شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك">
تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى دوكلاتى بەردى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

جىن دېشۇي، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى      شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 6- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى دوكلاتى بەردى.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جىن دېشۇي قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىيون، نەزەرىيەچىگە خاس چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى بىلەن بىر قاتار ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ماركسىزمغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىجادىي يۈكسەلدۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگودا يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى ھەرىكەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادا يېڭى چاقىرىق كۈچى، يېڭى تەسىر كۈچ شەكىللەندۈردى، بۇ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىگە، ئىدىيە كۈچىگە، ئەمەلىيەت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

  چېن چۈەنگو شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئورنى، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى، تارىخىي تۆھپىسى، ئىلمىي ئۇسۇلى، خەلق مەيدانى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى تەسىراتىنى سۆزلىدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر بولۇپ، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيە سىستېمىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل، ئەينەن، سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، توغرا ئىگىلەش كېرەك.

  چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تولۇق، توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇن بەلگىلىشىگە ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، بايراق تىكلەپ، دىققەتنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە كونكرېت نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار، مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پارتىيە دەرسىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.