تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ياز پەسلىدە توخۇلار زۇكامداپ قالسا مامكاپ بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ

  كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاندا، توخۇلاردا بېشى، يۈزى ئىششىش، ياش ئېقىش، كۆز ئەتراپىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش، ماڭقىسى ئېقىش ئەھۋالى ئاسانلا كۆرۈلىدۇ، قىسمەن توخۇلار يەم يېمەي، بوينىنى سوزۇپ نەپەس ئېلىپ، غەلىتە چىللايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى توخۇ زۇكىمىدىن بولغان قىزىش ئالامەتلىرىدۇر. بۇ چاغدا مامكاپنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا نەپەس يولى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلىرىنى قوشۇپ بەرگەندە ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  مامكاپنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شار باكتېرىيەگە قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك يوقىتىش رولى بار؛ يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيەسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسى، كېزىك تاياقچە باكتېرىيەسىگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە يوقىتىش رولى بار؛ زەمبۇرۇغلارغا قارىتا تىزگىنلەش رولى بار؛ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى ئەگرى تاياقچە باكتېرىيەسىگە قارىتا ياخشى يوقىتىش رولى بار. شۇڭا توخۇلاردىكى ئىچى سۈرۈش، ئاق تولغاق، مايىقى سۇيۇق سېرىق كېلىشتەك ئەھۋاللارغا قارىتا مامكاپ ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىشتا مامكاپ تالقىنى يەم-خەشەككە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ: %1-%3 لىك نىسبەتتە قوشۇلىدۇ؛ داۋالاشتا مامكاپ سۇدا قاينىتىلىدۇ: ھەربىر توخۇغا 15-30 گىرامغىچە بېرىلىدۇ، ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ. (ما شۆجۈەن)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى