تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار كېچىدە چىراغ يېقىپ ئۇخلىسا ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ

  كۆپ يەپ، ئاز ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا، كېچىدە چىراغ يېقىپ قويۇشمۇ ئادەمنى سەمىرتىۋېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىدە چىراغ يېقىپ ياكى تېلېۋىزور قويۇپ ئۇخلىغاندا ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇ تەتقىقات 6-ئاينىڭ 10-كۈنى «ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى . ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى توپلىمى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سۈنئىي نۇر بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېچىپ بەرگەن.

  ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىمىگەن، ھامىلدار بولمىغان، راك كېسەل ياكى يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولمىغان 43 مىڭ 722 نەپەر 35 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان ئايالغا قارىتا سۇئال-جاۋاب شەكلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەچتە ئۇخلىغاندا قاراڭغۇدا ئۇخلامدۇ-يوق، كېچىلىك چىراغ ياندۇرۇپ قويامدۇ-يوق، ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويامدۇ-يوق، ئۆيگە چىراغ نۇرى چۈشەمدۇ-يوق ياكى تېلېۋىزور قويۇپ ئۇخلامدۇ-يوق؟ قاتارلىق ئەھۋاللارنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى، بەل ئايلانمىسى، كاسا ئايلانمىسى ۋە بەدەن سۈپىتى كۆرسەتمىسىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن بەش يىلدىن كېيىن ساغلاملىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ قويۇپ ياكى تېلېۋىزور ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 5 كىلوگىرامدىن يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنىڭ %17 ئاشقانلىقىنى؛ ئۆيگە چىراغ نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ناھايىتى ئاز ئاشقانلىقىنى؛ كېچىلىك چىراغنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى دەلىللىگەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنسانلارنىڭ تەدرېجىي تەرەققىياتى كۈندۈزدىكى يورۇقلۇق، كېچىدىكى قاراڭغۇلۇقتەك تەبىئىي مۇھىتقا كۆنگەن بولۇپ، كېچىدە سۈنئىي يورۇقلۇققا يولۇققاندا، ئادەمنىڭ ھورمون سەۋىيەسى، فىزىئولوگىيەلىك رىتىمى ئۆزگىرىپ، سەمىرىش قاتارلىق ساغلاملىق خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى