تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

پوسكام ناھىيەسى ئاقتام يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەمەتئېلى زايىت

  سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى بەخت نېمە؟ بەخت ناھايىتى ئاددىي، ئۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردا. ھەربىر ئادەمنىڭ بەختى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىغا كۈچ قوشۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر خىل روھ، بىر خىل ئىنتىلىش بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىچكىرىدە تۆت يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تىلغا ئېلىنسا، ئالدى بىلەن بۇ تۆت يىلدا ماڭا ھەمراھ بولغان ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمنى ئەسكە ئالىمەن. مەن سىنىپتىكى بىردىنبىر شىنجاڭدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى بولۇپ، كۆپچىلىك ماڭا تولىمۇ قىزىقاتتى ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى بىر ئەينەك ئىكەنلىكىمنى بىلەتتىم، شۇڭا قىزىقىپ سورالغان تۈرلۈك سوئاللارنى ھەرقاچان سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرەتتىم.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر ساۋاقدىشىم ئىزچىل شىنجاڭغا كېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھەمراھ بولغۇدەك بىرسىنىڭ يوقلۇقىدىن بېشى قېتىپ يۈرگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت پىلانى تۈزۈپ، ئۇنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ساياھەت قىلىشىغا يول بويى ھەمراھ بولدۇم.

  شىنجاڭنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سەيلە قىلىش بىلەن بىللە، بىز كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا بىللە ئېغىز تەگدۇق، يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى قىزغىن، مېھماندوست كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت مۇھىتىنى ھېس قىلدۇق، چۈشەندۇق. ساۋاقدىشىم شىنجاڭدا بىپايان كەڭ ئوتلاق ۋە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن تاغ تىزمىلىرىنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا زامانىۋى پۇراققا ئىگە ئېگىز بىنالارنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەزىلىرىنىڭ پۇتۇڭخۇادا، بەزىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا سۆزلىشىپمۇ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىدىن تېخىمۇ ھەيران قالدى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم. شۇنداق، مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى، گەرچە تىل ئوخشىمىسىمۇ، ئۆرپ - ئادەت ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش قەلبى ئوخشاش. بۇ ئاجايىپ تۇپراقتا ھەر مىللەت خەلق يېڭى ئۇلۇغ سەھىپىلەرنى پۈتمەكتە. شۇ قېتىمقى ساياھەتتە، مېنىڭ ساۋاقدىشىم بىلەن بولغان دوستلۇقۇم چوڭقۇرلاشقان، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشقانىدى.

  تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىم ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشتى، ئەمما مەن ساۋاقداشلىرىمغا ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يېزىشنى ئۆگەتكەن چاغدىكى خۇشال كۈلكىلەرنى ئۇنتۇيالمايمەن، ھەر يىلدىكى روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتا ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا چىن قەلبىدىن تىلىگەن تىلەكلىرىنى ئۇنتۇيالمايمەن، ئاغرىپ قالغان چاغلىرىمدا ياتاقداشلىرىمنىڭ سۇ ئىچكۈزۈپ دورا بەرگەنلىكىنى، ئىللىقلىق يەتكۈزگەنلىكىنى تېخىمۇ ئۇنتۇيالمايمەن. يىراقتىكى چوڭ شەھەردە مەن يالغۇز قالمىدىم، ناتونۇش شەھەرگە ئەمدىلا بارغان چاغدىكى تېڭىرقاش، يار - يۆلەكسىز قېلىش ھېسسىياتىم شۇنىڭدىن بېرى بىراقلا تۈگىدى، ماڭا ساۋاقداشلىرىم ھەمراھ بولدى، ئوقۇتقۇچىلىرىم غەمخورلۇق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ داشۆ ھاياتىم مەنىلىك، ئىللىق ئۆتتى. بۇ ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، بۇلار مەن ئۈچۈن يالغۇز ئەسلىمىلا بولۇپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بىر خىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ئاشۇ كۈنلەردە، مەن شۇنداق بىر داۋلىنى چوڭقۇر چۈشەندىم: پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئازغىنا بەخت، بۇ ئازغىنا بەختلەر مۇجەسسەملەنسە چەكسىز كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  بۇ يىللاردا دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىشى، ياردەم بېرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تەبىئىي بارلىققا كەلدى. ھەر قېتىم زىيارەت قىلىشقا بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرگىنىمدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى ئاڭلىغىنىمدا، ۋۇجۇدۇم قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردىم، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردىم، ئەڭ كىچىك ئىشنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ قىلدىم، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلدىم.

  كەنتنىڭ قاتنىشى بارغانسېرى قولايلاشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى بېيىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈندىن - كۈنگە ئۆستى. ئازغىنا كىچىك ئىشلار ئازغىنا بەخت ئېلىپ كەلدى، ۋاھالەنكى، ئازغىنا بەخت دەل گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ كۈچتۇر.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەربىر ئىللىق تۇپراقتا بەخت نامايان بولماقتا. 70 يىل، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخىدىكى تولىمۇ قىسقا ۋاقىت، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە مۇشۇ قىسقىغىنا 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا ياشاۋاتقان بىزمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە قۇدرەت تېپىشىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەنگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىگە بولۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىز ئەڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك؛ ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى