تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«باقمىچىلىق كىچىك رايونى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى

ئۆلچەملەشكەن قوي قوتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  «بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتىمىز كەنتكە 49 ئۆلچەملەشكەن قوي قوتىنى ياساپ بەردى. بۇ يىل يەنە 85 ئۆلچەملەشكەن قوي قوتىنىنى ياساشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق قوي باققىلى بولىدۇ...» 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى زاغۇنلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنت 1-شۇجىسى دىڭ جيەنفېڭ شۇنداق دېدى.

  خىزمەت ئەترىتى ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «بىر چىلان، ئىككى سامساق، ئۈچ چارۋا، تۆت خاسلىق» تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، قوشنا ناھىيە بازىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋا بېقىش ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. خىزمەت ئەترىتى ئارقا تىرەك ئورۇنلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق كىچىك رايونىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، باقمىچىلىق كىچىك رايونى ئەتراپىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا ئاق تېرەك، سۆگەت قاتارلىق يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تىكىلدى، كىچىك رايونغا ئۇل ئەسلىھەلەر سەپلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، سۇ-ئېلېكتىر يەتكۈزۈلدى. 

  روزى ئابدۇۋەلى كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، بۇ يىل ئۇ قوي توپى ۋە كالىلىرىنى باقمىچىلىق كىچىك رايونىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. يېپيېڭى قوتانغا قاراپ ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قوتاننىڭ كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۆزۈم 50 مىڭ يۈەن چىقاردىم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن چوقۇم تىرىشىپ قوينى ياخشى بېقىپ، كەنتتىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى باشلامچى بولىمەن». (چەرچەن ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن لياڭ خاۋ، رىزۋانگۈل تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى