تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا....

 

ماتېرىيال سۈرەت

    گۇاڭجوۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى شۈخۇا، مەسئۇل ۋراچ ئوۋياڭ شۆرېن مۇنداق دېدى: بالىلاردىكى قەۋزىيەت كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، تەرەت قېتىم سانى ئازىيىش، تەرەت قۇرغاق ھەم قاتتىق بولۇش، راۋان بولماسلىق ياكى تەرەت قىلىش ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، تەرتىپىسز بولۇش ھەمدە تەرەت قىلغۇسى بولسىمۇ قىلالماسلىقتەك ئالامەتلىرى بار. بۇ خىل كېسەللىك ئىقتىدار خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ۋە ئەزا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىقتىدار خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە قارىتا، دورا ۋە يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىكى تەڭشەش پىرىنسىپى ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىنى ياخشىلاپ، سۇ تەركىبى ۋە تالا ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تولۇقلاش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇش، تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولۇپ قالسا، خۇڭشۇ شېكەر سۈيىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

  خۇڭشۇدىن 500 گىرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىلدىن ئىككى ياپراق تەييارلىۋالىمىز. خۇڭشۇنى پاكىزە يۇيۇپ، شۆپىكىنى ئاقلىۋېتىپ، سۇدا پىشۇرىۋالىمىز، خۇڭشۇ يۇمشىغاندىن كېيىن شېكەر ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ ئازراق قاينىتىپ كۈندە بىر، ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. خۇڭشۇنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال، بۆرەكنىڭ جىڭلوسىغا پايدىلىق، قۇۋۋەت تولۇقلاپ، يەل ھەيدەپ، ئاشقازان–ئۈچەي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى سەل مۆتىدىل بولۇپ، ئۆپكە، تال، ئاشقازان جىڭلولىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندە ئۈچەينى كېڭەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ماس كېلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى