تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرۇلتوقاي: تۆگە «مىنىپ» ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

  شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچى تۆگىلىرىنى ئۇلۇڭگۈر كۆلى بويىدا سۇغۇرماقتا (6-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئىزچىل تۆگە بېقىش ئەنئەنىسى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تۆگە باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق بازىسى + باقمىچى» دىن ئىبارەت تۆگە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، تۆگە ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. ھازىر بۇ ناھىيەدە 600 دىن ئارتۇق تۆگە باقمىچىلىق ئائىلىسى بار، بېقىلىۋاتقان تۆگە 20 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  6-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچى ئەمدىلا ساغقان تۆگە سۈتىنى توشۇماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى.

  شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچى تۆگە سۈتى ساغماقتا. (6-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى