تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلار

  

ماتېرىيال سۈرەت

    ھەممە ئادەم ئۆيلەنگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ھەمدە مەڭگۈلۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن مۇھەببەتنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىمۇ بار ، نۇرغۇن سەۋەبلەر ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ئۆيلىنىش مەسىلىسى بويىچە 100 مۇتەخەسسىس  ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىشىدىكى بىر قانچە چوڭ سەۋەبنى يەكۈنلەپ، ھەمراھلىرىنىڭ سەمىگە سالدى.

  توي قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەقستىدە ئېغىپ كەتمەسلىك

  ئۆيلىنىش ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ ئىش، شۇڭا توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم «مەن نېمىشقا توي قىلىمەن؟» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك.  توي قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سىز چوقۇم چوڭقۇر ئويلىنىپ چىقارغان بولۇشىڭىز، ھەرگىزمۇ تاشقى سەۋەبتىن بولماسلىقى كېرەك. بەزىلەر: «ھەممەيلەن ئىككىمىزنى ماس كەلگەن بىر جۈپلەر » ياكى «بىز تويلۇق ئۆينىمۇ سېتىۋالدۇق» دىيىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ چوقۇم ئاخىرىغىچە ماڭالايدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەك، دەسلەپكى مەقسەت توغرا بولغاندىلا، ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن ماڭغىلى بولىدۇ.

  ئۆزلۈكىنى يوقىتىش.

  ناۋادا قارشى تەرەپ بارلىق ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تارتىۋالسا، ئۆزىڭىزگە تەۋە ئازراق بوشلۇقمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا سىز «ئۆيلىنىش كونتروللىقى» غا چۈشۈپ قالغان بولىسىز. بەختلىك توي قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە ياردەم بېرىشىدۇر.

  تۇرمۇش نىشانى بىردەك بولماسلىق.

  ئىككى تەرەپ توي قىلغاندىن كېيىن، بارغانسېرى ھەقىقىي تەرىپىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ، بۇ جەرياندا ھېسسىيات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا ئارازچىلىقلار كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا تويدىن بۇرۇن قارشى تەرەپنى كۆپرەك چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم .

  جىنسىي تۇرمۇش ئىناق بولماسلىق.

  ھېسسىياتى ھەر قانچە ياخشى ئەر-خوتۇنلارمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن، مۇھىمى بىر-بىرىنىڭ شۇ مۇناسىۋەت جەھەتتىكى «مىجەز» لىرىگە قانداق يۈزلىنىش، بىر- بىرىنىڭ پەرقىنى چۈشىنىش، قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى چۈشىنىش، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئىناق بولماسلىقى سەۋەبلىك ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  قارشى تەرەپنى ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش.

  بىر ئادەم كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغاندا، دائىم دېگۈدەك قارشى تەرەپنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق خۇشاللىق ئىزدەيدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چارىسى ئىچىدە  ئاغرىنىش، ئەيىبلەش، كوتۇلداش، تەھدىت سېلىش  ياكى ئاز تولا ئىلتىپات قىلىشتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆپرەك ئويلاپ، ئاددىي، قوپال ئۇسۇللاردىن ساقلىنىپ، ھۆرمەت قىلىش ۋە كېڭىشىشنى ئورنىغا دەسسىتىشىمىز كېرەك.

  ئىستېمال قارىشى ئوخشاش بولماسلىق.

  ئاجرىشىپ كېتىشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب پۇل كەملىك بولماستىن، بەلكى ئىككى ئادەمنىڭ ئىستېمال قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدۇر. مەسىلەن: بىر تەرەپ نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىشتىن قورقمايدۇ، يەنە بىر تەرەپ كەلگۈسى نىشان ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى ئويلايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇ خىل زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. يول قويۇشنى، مالىيە باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۆيلىنىشتىن ئىبارەت بۇ «پاي شىركىتى» نى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

  يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرى يېتەرلىك بولماسلىق.

  ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي تۇرمۇش ھەقىقەتەن مۇھىم، لېكىن ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قارشى تەرەپنى سۆيۈپ قويۇش، خۇشال بولغاندا قۇچاقلاپ قويۇش، ھەتتا ئاددىي قول تۇتۇشۇشمۇ ئەر- خوتۇنلار ئارىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەدەن ئۇچرىشىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئىككى تەرەپ بارغانسېرى ناتونۇش بولۇپ كېتىدۇ.

  بىر ئىشقا يولۇققاندا دائىم تالاش-تارتىش قىلىش.

  ھەر بىر جۈپ ئەر- خوتۇندا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە، مۇھىمى زىددىيەتكە يولۇققاندا، ئىككى تەرەپ بەزى ئاساسىي قائىدىلەرنى بېكىتىش كېرەك. مەسىلەن: قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش، قانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش. ئەگەر ئىككى تەرەپ مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا، ئىشەنچىلىك تونۇش ياكى ئۆيلىنىش مەسلىھەتچىسىنى تېپىپ، زىددىيەتنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى