تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

لوپنۇر ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى بەرپا قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ خۇينا خەۋىرى): «يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مەركىزىنىڭ كادىرلىرى تېرىغان كۆكتاتلار شۇنداق ياخشى، قاراڭ باغدىكى بۇ قاتار كاللەكبەسەي، جاڭدۇ، يازلىق بەسەيلەر ياپيېشىل، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى شۇنچىلىك خۇشال قىلىدۇ، بىز ئۇلاردىن ياخشى تەجرىبە ئۆگىنىشىمىز لازىم.» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى دۆڭقوتان يېزىسى چوڭكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھاۋاگۈل ئىسمائىل كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقىتتا شۇنداق دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ چوڭكۆل كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىدا، بىر پارچە كۆكتات، مېۋە-چېۋە تېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى ئېچىپ، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەش، كەنت ئاھالىلىرى تەڭ قاتنىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېڭىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەن.

  يېقىندا، بۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى ئىچىدە «تېخنىكا بىلىش، باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تېمىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىزگە ياردەملىشىپ كۆكتات تېرىشىپ بەردى، بىزگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۆگەتكىنى بەك ياخشى بولدى، ھازىر بىز تېرىغان كۆكتاتلارمۇ پىشىشقا ئاز قالدى. كۆكتات تېرىغاندا ھويلا-ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، ئۆزىمىز ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا سېتىپ كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن بىر ئىشتىن ئۈچ ئۈنۈم ئالغانلىق بولىدىكەن.»

  «بىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن بىر پارچە كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى بەرپا قىلدۇق، بىزنىڭ يېتەكلىشىمىز ۋە تەسىرىمىزدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا بىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، باشقۇرۇشقا ماھىر يېڭىچە دېھقانغا ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياڭجىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى