تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى بەش يىل ئىچىدە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرىدۇ

مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش سىناق نۇقتا رايونى دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، سىناق نۇقتا رايوننىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەرمۇ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرى 34 تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش (سىناق نۇقتا) ئولتۇراق رايونى قۇرغان، 48 ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ئۆيى تەسىس قىلغان.

«بۇ ئاشخانا ئەخلەتلىرى، بۇنى ئاشخانا قالدۇق ئەخلىتى كۆزنىكىگە تاشلاڭ ....» 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ئۆيىنى باشقۇرغۇچى ساۋ شىڭشېڭ ئاھالىلەرنىڭ قولىدىكى ئەخلەتنى توغرا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ ئولتۇراق رايون سايباغ رايونىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

ئولتۇراق رايوندىن سىرت، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىمۇ كىردى. « ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش كېرەك، سىلەر ئەخلەتنى قانداق تاشلاشنى بىلەمسىلەر؟» 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۈرگە ئايرىش ئەخلەت ئۆيى ئالدىدا، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى چېنيۈ ئەخلەت تاشلىغىلى كەلگەن بىر نەچچە ساۋاقداشتىن سۇئال سورىدى.

« كېرەكسىز قەغەز تۈرىدىكى، سۇلياۋ تۈرىدىكى، ئەينەك تۈرىدىكىلەرنى يىغىۋالغىلى بولىدىغان كۆزنەككە تاشلاش كېرەك، يىغىۋالغىلى بولمايدىغان ئەخلەتنى يىغىۋېلىشقا بولمايدىغان كۆزنەككە تاشلاش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دائىم بىزگە ئەخلەتنى قانداق تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېدى تۆتىنچى يىللىق 1-سىنىپتىكى سەي خۇيشۈەن جاۋاب بېرىپ. ئارقىدىن، بىر قانچە ساۋاقداش تۈرگە ئاساسەن، ئەخلەتنى ئوخشاش بولمىغان كۆزنەكلەرگە توغرا تاشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى شەھەر مەمۇرىيىتى، شەھەر قىياپىتى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش پونكىتى مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دەي شىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىللىق سىناق ئارقىلىق، سايباغ رايونىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ سىناق قىلىش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، «كىچىك قول چوڭ قولنى تارتىش» شەكلى قوللىنىلىپ، بالىلار ئارقىلىق ئائىلىلەر ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەندى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى مىقدارنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تاشلاش، تۈرگە ئايرىپ توپلاش، تۈرگە ئايرىپ توشۇش، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، تەشۋىقات-تەربىيە، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئەخلەت تۈرگە ئايرىلغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ ۋە قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى