تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇتەخەسسىسلەر: باشقىچە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

  ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوڭ-كىچىك باغچىلار ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش سورۇنلىرىدا ئەتىگەنلىك چېنىقىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، يەككە تورنىك، قوش تورنىك تارتىش قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئارقىلىق چېنىقىش ئۇسۇلىدىن باشقا، بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئالاھىدە، مەسىلەن، دۈمبىسىنى دەرەخكە ئۇرۇش، يەر بېغىرلاپ مېڭىش قاتارلىقلار.

  دۈمبىنى دەرەخكە ئۇرۇپ چېنىقىش كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر 3-بۆلۈمى 2-گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى لو يى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دۈمبىنى دەرەخقە ئۇرۇشتەك بەدەن «چېنىقتۇرۇش» ئۇسۇلى سوقۇلۇش ھەرىكىتىگە تەۋە، بۇ خىل ئۇسۇل ياشانغانلارغا ماس كەلمەيدۇ، ئۇزاق مەزگىل سوقۇلۇش ئورگانىزملارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يېنىك بولغاندا تېرە يارىلىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئىچكى ئەزالار ياكى مېڭە زەخىملىنىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەر بېغىرلاپ مېڭىشتا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: يەر بېغىرلاپ مېڭىشتەك چېنىقىش ئۇسۇلىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشكە بولمايدۇ، ئۇ ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئېغىر يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە كۆز كېسەللىكلىرى بارلار بۇ ھەرىكەتنى قىلسا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەرىكەتنى قىلغاندا تولۇق قىلىش كېرەك، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، گىلەم سېلىنغان ئۆي ئىچى ياكى تۈز، چىملىق بار ئۆي سىرتىدا ئىشلىسە مۇۋاپىق. ئۆمىلەش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆرە تۇرغاندا ئىتتىك ئورۇندىن تۇرماسلىق كېرەك.

  ياشانغانلار چېنىققاندا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك

  لو يى مۇنۇ تەكلىپلەرنى بەردى: ياشانغانلار پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك پائالىيەت تۈرلىرىنى تاللىشى كېرەك، سىلىق، باغلىنىشچان، ئاستا، تەكشى ۋە رىتىملىق بولسا مۇۋاپىق. ئېغىرلىق بىر تەرەپتىكى پۇت-قول ياكى مەلۇم ئەزاغا مەركەزلەشكەن كۈچلۈك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، بەك كۈچەش، ھەرىكەت بەك تېز بولۇش، ھەرىكەتنى زىيادە كۆپ ئالماشتۇرۇش، بەدەننى تۇيۇقسىز ئالدى-كەينىگە ئېگىش، باشنى تۆۋەن قىلىپ بەلنى ئېگىش، پىرقىراش ۋە يىقىلىپ چۈشۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ھەرىكەت قىلغاندا، نەپەس ئەركىن، تەبىئىي بولۇش، نەپەسنى توختىتىدىغان ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ ئارتېرىيە قېتىپ قالغان ياشانغانلار قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارلىق مەشىقلەردىن ساقلىنىپ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ياكى مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. غىزالىنىش بىلەن چېنىقىش ياكى جىددىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلىقى بولۇشى كېرەك.

  «سىستېمىلىق چېنىقىشقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن بەدەن تەكشۈرتۈش كېرەك، قان بېسىمى بىر قەدەر يۇقىرى ياشانغانلار يەنە قاندىكى ماي مىقدارى ۋە كۆز تېگى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ھەرىكەت تارىخى ۋە بەدەننىڭ فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، مۇۋاپىق چېنىقىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.» لو يى يەنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «چېنىقىش جەريانىدا ئۆز سېزىمى، ئۇيقۇ ۋە ئىشتىھا، تومۇر سوقۇش (ئەتىگەنلىك تومۇر سوقۇش ۋە ھەرىكەتتىن بۇرۇن، ھەرىكەت جەريانىدىكى، ھەرىكەتتىن كېيىنكى تومۇر سوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نەپەسلىنىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ياشانغانلار ھەرىكەت قىلغاندا ھەرىكەت جەريانىدىكى ۋە ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، باش قېيىش، مەيدە چىڭقىلىش ياكى كۆكرەك ئاغرىش، يۈرەك سېلىش ۋە يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلسە، ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، ھەرىكەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن، سىجىللىقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ھەرىكەت جەريانىدا دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. (تىيانشان تورى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋىرى)

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى