تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باشقىلار بىلەن «توختام» تۈزۈپ تۇرۇپ، ئۆزى «توختامدىن ۋاز كېچىش» ھەلەكچىلىكىدە بولۇش

ــــ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش» ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك

جۇڭ شېڭ

  باشقىلار بىلەن «توختام» تۈزۈپ تۇرۇپ، ئۆزى «توختامدىن ۋاز كېچىش» ھەلەكچىلىكىدە بولۇش، مانا بۇ دەل ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىكى ئوبرازى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا ئاتالمىش توختام روھىنى ئۆلچەم قىلىۋېلىپ، ئوقۇرىنى ئېگىز تۇتۇپ، مەغرۇر قىياپەتتە ئۇنى - بۇنى دەپ يول كۆرسىتىدىغان ئىش - ھەرىكەتلىرى ھەقىقىي توختام روھى بىلەن سىغىشالمايدۇ، «توختامدىن ۋاز كېچىش قىلتاق»لىرىنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ يۈزىدىكى ساختا نىقابىنىمۇ يىرتىپ تاشلىماقتا.

  باشقىلارنى توختام روھى كەمچىل دەپ ئەيىبلەش، باشقىلاردىن توختامغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى. بۇلتۇر، ئامېرىكا كۆپلەپ دوكلات ئېلان قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەم بۇنى جۇڭگوغا بىر تەرەپلىك سودا تەدبىرىنى قوللىنىش باھانىسى قىلدى. ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا تەرەپ يەنە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتتە بىر كېلىشىمى بار بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تەرەپ كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ جار سالدى. ھالبۇكى، پاكىت ھامان يەنىلا پاكىت. ئالدىنقىسى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ بۇلتۇر 6- ئايدا «جۇڭگو بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت بىلەن رەسمىي يوسۇندا مۇنداق ئۇقتۇردى: جۇڭگو ھەقىقىي تۈردە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. كېيىنكىسى توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ يېقىندا «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى توغرىسىدا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ھالدا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەسلىگە قايتۇردى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشى بىرنەچچە قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈردى، ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىققا ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تونۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى، گېپىدە تۇرمىغانلىقى، سەمىمىي بولمىغانلىقى سەۋەب بولدى.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن توختام بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ئاڭلىق ھالدا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ بۇنداق قىلماي، مەجبۇرىي ھالدا دۆلىتىنىڭ قانۇنىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا نۇرغۇن دۆلەت بىلەن سودا ماجىراسى تۇغدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئامېرىكا تەرەپ يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ئاپپاراتى ۋە تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ ئامېرىكىنىمۇ چەكلىمىنى قوبۇل قىلىشقا زورلىشىغا «يول قويمايدىغانلىقى»نى ئاشكارا بىلدۈردى، ھەتتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىمىز، دەپ تەھدىت سالدى. مۇشۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا تەھدىتتە نەدە ئازراقمۇ توختام روھى بولسۇن؟!

  ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىسى. كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان دۆلەتلەردىن 190دىن كۆپرەكى بولۇپ، ئامېرىكا چېكىنىپ چىقتى. ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، ئامېرىكا چېكىنىپ چىقتى. ئامېرىكا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەلقئارا قائىدە ۋە ئاپپاراتلارغا نىسبەتەن «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»تەك ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئاللىبۇرۇن ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

  قائىدە ئېڭى ۋە توختام روھى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تىرىكى. قائىدىگە ئەمەل قىلىش، توختامغا رىئايە قىلىش شەخس، كىشىلەر توپى ۋە دۆلەتكە نىسبەتەن كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى. ئامېرىكا تەرەپ توختامدىن خالىغانچە ۋاز كېچىپ، خەلقئارا قائىدىنى ئالىقىنىدا ئويناتتى، خوراتقىنى بولسا ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى بولدى، بۇزغىنى بولسا دۇنيانىڭ تەرتىپى بولدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىردە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارالدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا كېڭىشىدە مۇشۇنداق گېپىدە تۇرماسلىقى، ئۇنى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان باشقا سودا ھەمراھلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار توختام روھىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۆتكۈر قورالى، تاشقى كۆرۈنۈشىنى بېزەيدىغان زىننىتىدىن ئىبارەت. ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن، ئۇلار قىلچە تەپتارتماستىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان قۇۋلۇق - شۇملۇقلار بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىدە ھەتتا ئۇيات لاتىسىنى تارتىۋېلىشقىمۇ يېتىشەلمىدى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو يېقىندا نومۇس قىلماي پو ئېتىپ: «بىز يالغان ئېيتتۇق، بىز ئالدامچىلىق قىلدۇق، بىز ئوغرىلىق قىلدۇق. بىزنىڭ يەنە بىر مەخسۇس مۇشۇلارنى ئۆگىتىدىغان دەرسلىكىمىز بار. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا ئىنتىلىشىدىكى شان - شەرىپى» دەپ جار سالدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ كۆڭلىدە، پەقەت پايدىنى كۆزلەيدىغان «قامۇس» بار، ئەمما ئۇنىڭدىن توختام روھىنى سىغدۇرالىغۇدەك ئازراقمۇ بوشلۇقنى تاپقىلى بولمايدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك خۇرسىنغان ھالدا: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ گېپىدە تۇرماسلىق، توختامغا ئەمەل قىلماسلىق قارارىغا قاراپ باقايلى، بۇ قارار كىشىنى مۇشۇنداق دوست تۇرغان يەردە، دۈشمەننىڭ نېمە كېرىكى؟ دېگەن ئويغا كەلتۈرمەي قالمايدۇ» دېگەنىدى. قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، توختام روھىنى يوقىتىپ قويىدىكەن، ھامان بىر كۈنى «ئەخلاقسىز كىشى تەنھا قالىدۇ، چوقۇم قوشنىلىرى بولمايدۇ»نىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ قالىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى