تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئاچتى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ شىيا، لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  6- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلار، ياخشى ئىشلارنى تەشكىللەپ ياخشى يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشتا بىردەك، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈمى كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كېرەك، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش تېما تەربىيەسىنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىللىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللىشى، ئەتراپلىق، ياخشى يولغا قويۇشى، باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تېز تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىغا قارىتا قەرەلى ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتى - قەرەلىدە جايىدا تۈزىتىش كېرەك؛ ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي تۇتۇش، باسقۇچلۇق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سىجىل تۈزىتىش، كونكرېت مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ياخشى تۈزىتىش، كونكرېت خىزمەتلەرنى بىر - بىرلەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى كەسپىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى