تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«1- كېچىك»تىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۇزۇن سەپەر باشلانغان جاينىڭ «قىياپىتى» ئۆزگەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شىڭۋېن، خۇ جىنۋۇ، گاۋ خاۋلياڭ، ۋۇ خۇييىڭ

6- ئاينىڭ 11- كۈنى، «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى جياڭشىنىڭ يۈدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى جياڭشىنىڭ يۈدۇ، رۈيجىن ۋە فۇجيەننىڭ چاڭتىڭ، نىڭخۇادا «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر ــــ مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 نەچچە تاراتقۇدىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق ئاخبارات مۇخبىرى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ مى فوتوسى)

      تەھرىر ئىلاۋىسى

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى باشلىدى، زىيارەتكە قاتناشقان ئاخبارات مۇخبىرلىرى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى مۇھىم، زور ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، ئىنتايىن مۈشكۈل كۈرەش مۇساپىسىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى چوڭقۇر قېزىپ، جانلىق، تەسىرلىك پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۇزۇن سەپەر لىنىيەسى بويىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىدۇ. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر ــــ مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىدۇ.

  بۇ جايدىكى كۆۋرۈك يىراققا يۈرۈش قىلغۇچىلارنى شىددەتلىك دولقۇنلاردىن ھالقىتىپ، غەلىبە قىرغىقىغا يەتكۈزگەن.

  بۇ جايدىكى كۆۋرۈك ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شان - شەرەپنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئەلرايى ۋە پارتىيە رايىنىڭ تۇتاش ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ تۇرماقتا.

  6- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە توپلىنىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي ــــ جياڭشىنىڭ يۈدۇدا باشلاندى.

  يۈدۇ دەرياسى جىمجىت ئاقماقتا، ئەينى يىلى مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى يولغا چىققان كېچىك يېنىدا، بىر بۆلەك لەيلىمە كۆۋرۈك 85 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قان كېچىپ كۈرەش قىلغان يالقۇنلۇق تارىخنى ئۈن - تىنسىز بايان قىلىپ، «يۈدۇ خەلقى ھەقىقەتەن ياخشى، سوۋېت رايونى خەلقى بەك يېقىن» دېگەن تەرىپلەش ساداسىنى تاراتماقتا.

   كۆۋرۈكلەر تۇتاشتى

  يۈدۇ ناھىيەسى گۇڭجياڭ بازىرىنىڭ جيەنگو يولىدىكى ئىشىك قانىتى يوق بىر كونا ئۆي ھازىر ساياھەتچىلەر نامىنى ئاڭلاپ كېلىپ ئۇزۇن سەپەرنى ھېس قىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى. كېجيالارنىڭ كونا تۇرالغۇسى ئىچىدە، «ئىككى ھويلا، ئۈچ دالانلىق قۇرۇلما» مۇكەممەل ساقلانغان بولسىمۇ، كىرىدىغان ئىشىكىدە ئىشىك قانىتى يوق ئىدى. بۇ قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئەۋلادى ليۇ گۇاڭپېينىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان ئۆي.

  «نېمىشقا ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى يوق؟» ليۇ گۇاڭپېي بالىلىق چاغلىرىدا بۇ سوئالنى سورىغاندا، ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئىشىك قانىتىنى بوۋىڭىز سۆكۈپ ئېلىپ قىزىل ئارمىيەنىڭ كۆۋرۈك ياسىشىغا بەرگەن» دېگەنىدى.

  كۆۋرۈك قىزىل ئارمىيەنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلىگەن.

  1934- يىلى 10- ئايدا، يۈدۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان بەش جۈنتۇەن ھەم مەركىزىي كومىتېت، ھەربىي كومىتېت ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسىملاردىكى 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشى توپلانغانىدى. شۇ چاغدا ئەتراپنى دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەسكىرى قورشاپ توسۇۋالغان بولۇپ، قەدەممۇقەدەم قىستاپ كېلىۋاتاتتى.

  كۆۋرۈككە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن.

  قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا، پۇقرالار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك قانىتى، كارىۋات تاختىيى، ھەتتا گۇەنسەي ياغاچلىرىنى ئېلىپ كەلگەن، ئۆيىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك لەيلىمە كۆۋرۈك ياساشقا ئىشلەتكەن. سەككىز ئاساسلىق كېچىك، بەش لەيلىمە كۆۋرۈك ئارقىلىق قىزىل ئارمىيە يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپەرگە ئاتلانغان.

  يۈدۇ دەرياسى شۇ سەۋەبتىن «ئۇزۇن سەپەردىكى 1- كېچىك» دېگەن ئۆچمەس نامنى ئالغان.

  85 يىل كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. «ئۇزۇن سەپەردىكى 1- كېچىك»نىڭ يېنىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ، سوۋېت رايونىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە قان كېچىپ قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى بايان قىلىپ تۇراتتى. كۆۋرۈك يۈدۇدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا.

  «بۈگۈنكى كۈندە بارلىق كېچىكلەرگە چوڭ كۆۋرۈكلەر سېلىندى.» بەش لەيلىمە كۆۋرۈكتىن 35 چوڭ كۆۋرۈككىچە، 2017- يىلى سېلىنغان زىشەندىكى گۇڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى ئەڭ يېڭى بىر كۆۋرۈك... 1996- يىلى خىزمەتكە قاتناشقان يۈدۇ ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ كادىرى دىڭ شىرۇڭ يۈدۇ دەرياسىدىكى كۆۋرۈكلەرنى بەش قولدەك بىلىدۇ.

  «كەنتتىكى كۆكتاتلارنى مەيلى شىمالدىكى نەنچاڭغا توشۇشتا بولسۇن، ياكى جەنۇبتىكى گۇاڭدۇڭغا توشۇشتا بولسۇن، 100 كىلومېتىردەك مۇساپىنى ئاز ماڭىمىز.» يۈدۇ ناھىيەسىدىكى چوڭ كۆۋرۈك بىلەن ئارىلىقى ئون كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان زىشەن فۇشى كۆكتات كەسىپلەر باغچىسىدا، قاتار - قاتار زامانىۋى ئۆلچەمدىكى كۆكتات لاپاسلىرى رەتلىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى، زىشەن بازىرى تەنتوۋ كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ ليەنيۈننىڭ بۇ چوڭ كۆۋرۈككە بولغان تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 109 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى كۆكتاتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى.

  قىزىل تۇپراقنىڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشىگە كۆۋرۈك ھەرگىزمۇ بىردىنبىر گۇۋاھچى ئەمەس. 85 يىل ئىلگىرىكى بىر كېچىدە، رۈيجىندىكى يېپىڭغا ئون كىلومېتىر كەلمەيدىغان خۇاڭشا كەنتىنىڭ خۇاۋۇ تەبىئىي كەنتىدىن 17 ياش قان كېچىپ كۈرەش قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغانىدى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇلار 17 تۈپ قارىغاي تىكىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن «قارىغاينى كۆرگەندە ئادەمنى كۆرگەندەك بولۇش»قا ئەھدىلەشكەن.

  بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئېغىزىغا كىرگەندە، يېشىل قارىغايلار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، قاتار - قاتار ئاق تام، قارا كاھىشلىق كېجيا كىچىك بىنالىرى سېلىنغان بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد ياشىغان پاكار، كونا، يامغۇر - شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان كېسەك ئۆيلەر بىلەن تولغان خۇاۋۇ كەنتىنىڭ ھەممە يېرىگە ھازىر «ھەشەمەتلىك ئۆيلەر» سېلىندى.

  «شاجوۋبا، شاجوۋبا، قول ياغلىق يۇيغۇدەك سۈيى يوق.» 80 نەچچە يىل بۇرۇن، ماۋ زېدۇڭ يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنى باشلاپ بىر قۇدۇق قازغان، شاجوۋبالىقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاكىز قۇدۇق سۈيى ئىچەلەيدىغان بولغان. پۇقرالار بۇ قۇدۇققا «قىزىل قۇدۇق» دەپ نام بەرگەن.

  «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق» ھېكايىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە ياد بولۇپ كەتتى. 80 نەچچە يىلدىن كېيىن، «جۇمھۇرىيەتنىڭ بۆشۈكى» بولغان رۈيجىن شەھىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، ئىشنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان «كىچىك ئىشلار»دىن باشلاپ، يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ تۇتۇپ، شەھەر، يېزىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى %100 ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يېزىلاردىكى 695 مىڭ 200 ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك، كونا كېسەك ئۆيلىرى ئۆزگەرتىلدى، 5 مىليون 460 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، تاغلىق رايوندىكى 3 مىليونغا يېقىن ئاممىنىڭ توك ئىشلىتەلمەسلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك «توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى... ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىنى قىيناپ كەلگەن تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى، سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر پەيدىنپەي ھەل قىلىنماقتا.

  «دەريادىن ئۆتىدىغان كۆۋرۈكتىن تارتىپ، جەنۇبىي جياڭشى قاتارلىق ئىلگىرىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىغىچە، چوڭ جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىش، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھەدىن تارتىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇسى، پۇقرالارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قاتارلىق كىچىك ئىشلارغىچە... پۇقرالارنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بىر ئاساسىي لىنىيە بار.» مەركىزىي سوۋېت رايونى تارىخى مۇتەخەسسىسى لىن بۇجىنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ كوممۇنىستلارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ئىكەن.

   قەلبلەر بىر - بىرىگە تۇتاشتى

  «شى شۇجى»نىڭ فامىلىسى شى ئەمەس، بەلكى شۈ.

  «ئۇ كۆپچىلىككە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى خۇشاللىق ئىشلىرى بولسىلا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىشنى خالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېجيا تەلەپپۇزىدا <شۈ> بىلەن <شى> ئاھاڭداش بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى <شى شۇجى> دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن.» يېزىغا چۈشۈپ نامراتلارنى يۆلىگەن ئىككى يىلدا، جياڭشى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ شىنگو ناھىيەسى چۇڭشيەن يېزىسى چۇڭيى كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش 1- شۇجىسى شۈ لىشىننىڭ يېڭى ئىسمى بار بولدى.

  بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان «باشقىچە ئىسىملار» ئاز ئەمەس: تەبىئىي بايلىق مىنسىتىرلىقىدىكى «80- يىللاردا تۇغۇلغان» كادىر لى جاۋيى ئىلگىرى گەنشيەن رايونى ۋۇيۈن بازىرى شياتەن كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ قۇدۇق قېزىپ، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈلى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «قۇدۇق قازغۇچى شۇجى» دەپ ئاتالدى؛ جياڭشى ئۆلكىسى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ رۈيجىندىكى يېپىڭ يېزىسى داشېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ليۇ خۇەنيىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ھەمدە ئۆيى يوق نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن «ئارزۇ يۇرتى» قۇرۇشنى پىلانلاپ، «ئالقىشلىق شۇجى» دەپ ئاتالدى...

  جەنۇبىي جياڭشى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي ھەم سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى باشلانغان جاي. ھەربىر يېقىنچىلىق بىلەن ئاتالغان باشقىچە نامنىڭ ئارقىسىغا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولغان كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» يوشۇرۇنغان.

  بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنىڭ بۇ مەخپىي شىفىرى ئەينى چاغدىكى قىزىل 1- جۈنتۇەن 2- شىسى 4- تۇەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ياڭ چېڭۋۇ جياڭجۈننىڭ «ئەلۋىدا، يۈدۇ دەرياسى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يېزىلغانىدى: «بۇ يەردىكى يۇرتداشلار بىزنى يات كۆرمىدى، ھەتتا بىزنى تۇغقانلىرىدىنمۇ ئارتۇق كۆردى − ئۇلار بىزگە ياردەملىشىپ كىيىم - كېچەكلىرىمىزنى ياماپ بەردى، بىزگە چىغ چورۇق توقۇشنى ئۆگەتتى، خۇددى چاغان - بايراملاردا تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك، بىزگە مەززىلىك پۇراق چىقىپ تۇرغان تاتلىقياڭيۇ، قىزىل مىفەن ۋە تەملىك قورۇمىلارنى ئەكىلىپ بەردى...»

  بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنىڭ بۇ مەخپىي شىفىرى 80 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تاغ ناخشىسىدا مۇنداق يېزىلغانىدى: «ياخشى ئىكەن سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ئىستىلى، ئوزۇق - تۈلۈكىنى ئۆزى ئېلىپ كەلدى خىزمەت قىلغىلى...» جاپالىق ئىنقىلاب يىللىرىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىشچى - دېھقان ئاممىسى بىلەن بىللە «بار - يوقنى تەڭ كۆردى»، سوۋېت رايونىدىكى نۇرغۇن كادىرلارنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىنى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ ئىش بېجىرىدىغان، بىر نىيەتتە خەلقنى كۆزلەيدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان ئىستىلى ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  85 يىلدىن كېيىن، «سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى»دا يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. گەنجوۋ شەھىرىدىكى 3509 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە)نىڭ ھەممىسىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بار، 85 مىڭ 900 كادىر 290 مىڭ 400 نامرات ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ، نامرات ئائىلىلەرگە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يۆلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  85 يىلنىڭ ئالدىدا، كونا ئازاد رايوندىكى خەلق ئىنقىلابنى قوللاش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكى ياشلارنى ئۈزۈلدۈرمەستىن جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتكەن، يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتكەن 86 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىدە، 50 مىڭدىن كۆپرەكى جەنۇبىي جياڭشىلىق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ئىدى.

  سۇ ئىچكەندە مەنبەسى ئەسكە ئېلىندى، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى. سوۋېت رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە 42 مەركەز، دۆلەت ئورگىنى شۇنداقلا ئالاقىدار ئورۇنلار جەنۇبىي جياڭشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئۈچ تۈركۈمدە 121 مۇنەۋۋەر كادىر جەنۇبىي جياڭشىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)، گەنجوۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلدى.

  ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش مۇددىتى توشقاندا، تۇرۇشلۇق كەنتمۇ پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، جۇڭگو گېزىتخانىسىدىن ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەن خۇچاڭ ناھىيەسىنىڭ جۇلەن يېزىسى داشىبا كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى فېڭ زۇڭۋېي يەنە بىر يىل قېلىشنى تاللىدى، چوقۇم نېلۇپەر كارىدورى ياسىلىپ، پارنىك كۆكتات بازىسىنىڭ بازىرى مۇقىم بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىر گەپ بولسۇن دېدى.

  نامراتلارنى يۆلەشتىكى «يېڭى ئۇزۇن سەپەر» ئالدىدا، ئۇزۇن سەپەر باشلانغان جايغا كەلگەن كادىرلار چىن دىلىدىن كۈچ ئۇلىدى.

   قايتا يولغا چىقىش

  2019- يىلى گەنجوۋدىن يولغا چىققان 100- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 2018- يىلىدىكى 100- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدىن توپتوغرا يەتتە ئاي بۇرۇن يولغا چىقتى.

  گەنجوۋ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1- پەسىلدە، گەنجوۋ تاموژنىسى جەمئىي نازارەت قىلىپ باشقۇرغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (گەنجوۋ) 72 قېتىم، ئۆلچەملىك كونتېينېر 6356، ماللارنىڭ قىممىتى 1 مىليارد 243 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم - ئايرىم %200، %227، %192 كۆپەيگەن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (گەنجوۋ) «ئىشنى غەلىبىلىك باشلىغان».

  نۆۋەتچى پويىز يولغا چىققان گەنجوۋ پورتى مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى تۇنجى ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتى. 2016- يىلى نۆۋەتچى پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، نەنكاڭ بىلەن ياۋروپانىڭ بېرىش - كېلىش يۈك توشۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى 45 كۈندىن 15 كۈنگە قىسقاردى. دېڭىزدىن يىراق، چېگرادىن يىراق، ياغاچ ماتېرىياللىرى بايلىقى كەمچىل بولغان گەنجوۋدىكى نەنكاڭ «يەر شارى بويىچە سېتىۋېلىش، پۈتۈن يەر شارىغا سېتىش» قا تايىنىپ 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئۆي جاھازلىرى كەسىپ توپىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى.

  «جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونى ئەسلىدىنلا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىغا ئىگە، ئەينى چاغدىكى ھاكىمىيەت، مائارىپ تۈزۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق ئاساس بولمىغان شارائىتتا بەرپا قىلىنغانىدى» دېدى لىڭ بۇجى.

  تارىخقا نەزەر سېلىش تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر.

  گەنجوۋ پورتىنىڭ بارلىققا كېلىشى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلغانلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. سىرەك توپا، ۋولفرام بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «جۇڭگو سىرەك ئالتۇن جىلغىسى»نى قۇرۇشنى پىلانلىدى؛ مەۋقەنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «جياڭشى - گۇاڭدۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى» بويىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپ بەلبېغىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى؛ دۆلەتنىڭ كەسىپ يۆنىلىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، بىيو دورىگەرلىك قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر جەنۇبىي جياڭشى زېمىنىدا مەيدانغا كەلدى.

  2012- يىلى 6- ئايدا، «گوۋۇيۈەننىڭ جەنۇبىي جياڭشى قاتارلىق ئىلگىرىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

  مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ ئىش باشلاندى، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى 100 نۇقتىلىق بازار بەرپا قىلىندى... ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناق قىلىپ، ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىلدى، گەنجوۋ شەھىرىنىڭ دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن مۇھىم، زور سۇپىسى جەمئىي 220گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدىكى تەستىقلانغان مۇھىم، زور سۇپىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىيات قىزىل تۇپراقتا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

  ئىلگىرى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىكى ئۇزۇن سەپەر باشلانغان جايدىكى تەبىئىي توسۇقلار راۋان يولغا ئۆزگىرىپ، ھالقىما تەرەققىياتنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يولى» بولۇپ قالدى: 2011- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئاشتى، 2018- يىلى شەھەر بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مالىيە ئومۇمىي كىرىمى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى قاتارلىق ئون تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش نىسبىتى جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

  بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قايتا نەزەر سالغاندا، ئاندىن بۇ يوللارنىڭ نەقەدەر جاپالىق ۋە ئەگرى - توقاي ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن − ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، جەنۇبىي جياڭشىنىڭ بىپايان زېمىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى