تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى بەش ئايدا ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى مۇقىم كۆپەيدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيالى) مۇخبىرنىڭ 6- ئاينىڭ 11- كۈنى ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە بۇ تاموژنا جەمئىي نازارەت قىلىپ باشقۇرغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 851 قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.31 ئاشقان؛ يۈك توشۇش مىقدارى 343 مىڭ 700 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.52 ئاشقان؛ يۈكنىڭ قىممىتى 5 مىليارد 171 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.6 ئاشقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن چىققان نۆۋەتچى پويىز 536 قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 262 مىڭ 700 توننىغا، يۈكنىڭ قىممىتى 3 مىليارد 719 مىليون دوللارغا يەتكەن؛ چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى پويىز 315 قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 81 مىڭ توننىغا، يۈكنىڭ قىممىتى 1 مىليارد 452 مىليون دوللارغا يەتكەن.

  نۆۋەتتە، «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدىن قوزغىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتىدىغان چېگرادىن كىرىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى چېگرادىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانىدىن كۆپ بولغان تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ قالدى.

  ئالاتاۋ پورتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى بولۇپ، قازاقىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى نۆۋەتتە مۇنداق تۆت خىل ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن:

  بىرىنچى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى ئىنچىكىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئىسسىق ساقلاش ساندۇقى، سوغۇق ساقلاش ساندۇقى، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ساندۇق ۋە ھەر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇراشتۇرما ساندۇق مۇلازىمەتلىرىنى بارغانسېرى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، مەسىلەن، «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا سوغۇق زەنجىرسىمان كەسپى دائىملاشتۇرۇلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا ئايلانغان؛ ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ، يۈك توشۇش نىسبىتى، يۈكنىڭ قىممىتى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، مەسىلەن، بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغىچە «چېڭدۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قايتقاندىكى كونتېينېر قۇرۇق قېلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.86 تۆۋەنلەپ، يۈكنىڭ قىممىتىدە ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن؛ ئۈچىنچى، يۈك مەنبەسىنىڭ تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى كومپيۇتېر قاتارلىق IT مەھسۇلاتلىرىدىن تەدرىجىي كىيىم - كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئاشلىق، قىزىل ھاراق، ئاپتوموبىل ۋە زاپچاس قاتارلىقلارغىچە كېڭىيىپ، ئاۋامنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا بارغانسېرى يېقىنلاشقان؛ تۆتىنچى، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى مۇقىم بولۇشقا يۈزلىنىپ، قوزغىلىش قېتىم سانى تېزلەشكەن، مەسىلەن، «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدىكى سۈرئەت ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش