تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش ۋاڭ خەنرۇ ۋاپات بولدى

شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ خەنرۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى

چېن شى، چېن چۈەنگو تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ۋاڭ خەنرۇ كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 19دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە 81 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ خەنرۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى. چېن شى تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يولداش ۋاڭ خەنرۇنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  يولداش ۋاڭ خەنرۇ 1938- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1954- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1958- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1955- يىلى 3- ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1960- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاتلىق ئەسكەرلەر 1- تۇەنى 4- ليەنىدە پەيجاڭ بولغان، 1964- يىلى 1- ئايدا شىنجاڭ ئىلى شۆبە ھەربىي رايونى سىلىڭبۇسى مەشىق بۆلۈمىنىڭ سەنمۇسى بولغان، 1970- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى پىيادە ئەسكەرلەر 2- تۇەنى 1- يىڭىنىڭ مۇئاۋىن يىڭجاڭى بولغان، 1973- يىلى 3- ئايدا شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى تەلىم - تەربىيە ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان، 1981- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى شوۋبېي 2- شىسىنىڭ سەنمۇجاڭى بولغان، 1983- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى شوۋبېي 2- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان، 1986- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ئالتاي شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى بولغان، 1993- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭى بولغان، شاۋجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1993- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن بولغان، 1998- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2004- يىلى 6- ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  يولداش ۋاڭ خەنرۇ سىياسىيدا قەتئىي بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. ئۇ بىر ئۆمۈر ھەربىيلىك ھاياتىدا چېگرا رايوننى قوغدىغان، قەتئىي ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان. ئالتۇنتاغدا باندىتلارنى يوقىتىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان، ئۇ يېتەكلىگەن پەي «باندىتلارنى يوقىتىشتىكى ئۈلگىلىك پەي» دەپ باھالانغان. ئىككى شى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ھەربىي مەسئۇل باشلىقلىقىنى ئون يىلغا يېقىن ئۈستىگە ئالغان، قىسىم باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە بىلىمى ۋە يېزىق سەۋىيەسى يۇقىرى، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قىسىم ئىستىلى ۋە جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەن. بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغان، باشلامچى بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقان. رەھبەرلىك خىزمەت ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن، ئىزچىللاشتۇرغان، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.