تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالىملار روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ئىستىل ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

ئالىملار روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش ئىستىل ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىدىغان، ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان قىممەت ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئالىملار روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى دەۋردىكى ئالىملار روھىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پەن تەتقىقات مۇھىتى يارىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەيدىغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. بىر يىل ئىچىدە ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا تىرىشىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئىستىل، ئۆگىنىش ئىستىلىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلىم ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىلىم - پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش