تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈشىنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈشىنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان «مۇھاكىمە گېزىتى»، «قەبەر» دۆلەت ئاگېنتلىقىدا «جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈشىنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» تېمىسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق دەرىخىنىڭ بۈك - باراقسان ئۆسۈشىنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  6- ئايدىكى تىيانشاندا گۈللەر ئېچىلىپ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، ئوت - چۆپلەر ياپيېشىل بولۇق ئۆستى. بۇ گۈزەل پەسىلدە، ژېنبېكوۋ زۇڭتۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن پات ئارىدا قىرغىزىستاندا 2- قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىمەن. ئالتە يىل ئىلگىرى، مەن تۇنجى قېتىم گۈزەل قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن دوستلۇق ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانىدۇق. ئالتە يىلدىن كېيىن، مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستانە ھەمكارلىقى ئىشلىرى خۇددى يازنىڭ ئوتتۇرا مەۋسۇمىدىكى تاغ ئوتلاقلىرىدەك جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرى يېقىن قوشنىلار، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاڭ چيەن يىراق غەربىي دىيارغا سەپەر قىلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ، سۈيئاب قەدىمىي شەھىرىنى كېسىپ ئۆتكەن. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن، قىرغىزلار مىڭ چاقىرىملاپ يول يۈرۈپ يىراق تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بېرىپ، قايتىش سەپىرىدە ئېسىل يىپەك ۋە فارفۇر بۇيۇملارنى ئېلىپ قايتىپلا قالماي، يەنە سەمىمىي دوستانە بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇققىمۇ ئېرىشكەن. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك شائىرى لى بەينىڭ يارقىن شېئىرلىرىنى ئىككى دۆلەتتىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان بولۇپ، كەڭ تارقالغان. 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي جۇغلانمىلار ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ يىمىرىلمەس چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە قويۇق دوستلۇقىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى دۆلەت ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئۇلار ئىسمى - جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنىلار، ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى قېرىنداشلار بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى تىپتىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

  ــــ جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى تەرەپ تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئورتاق چېگراسى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتىگە ئايلاندى. ھازىر، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلىنماي تۇرۇپ قالغان ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپمۇ تەيۋەن، شىنجاڭغا چېتىشلىق، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى ئىزچىل قەتئىي قوللىدى ۋە كۈچلۈك ماسلىشىۋاتىدۇ.

  ــــ جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ 1- چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتى ۋە مەبلەغ سېلىش مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلاندى. 2018- يىلى، جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 5 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دەسلەپكى مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 150 ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستانغا جەمئىي 3 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سالدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق يولغا قويغان داتكا - كېمىن توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، توك يەتكۈزۈش راۋان بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، ئوش شەھەرلىك دوختۇرخانا يەرلىكتىكى ئاممىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بويىچە ئەڭ ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيولى ئېگىز تاغلاردىن ھالقىغان، راۋان، توسالغۇسىز خەلقئارا تىرانسپورت چوڭ تومۇرىغا ئايلاندى. قىرغىزىستان جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ھەسەل، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېشىل، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى ئاددىي پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. قىرغىزىستان پۇقرالىرى توردا مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇلارنى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىستېمال تەسىراتى بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ــــ جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ جانلاندى. 2018- يىلى، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى 70 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قىرغىزىستاندىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4600دىن ئاشتى. قىرغىزىستاندا كۇڭزى شۆيۈەنىدىن تۆتى، كۇڭزى دەرسخانىسىدىن 21ى تەسىس قىلىندى، جۇڭگو تەرەپ ياردەم بېرىپ قۇرغان بىشكەكتىكى 95- ئوتتۇرا مەكتەپ يەرلىكتىكى ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر مەكتەپكە ئايلاندى. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت بىرلىكتە قىرغىزىستانلىق داڭلىق يازغۇچى ئايتماتوۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى. زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو مەركىزىي ئوپېرا تىياتىر ئۆمىكى قىرغىزىستانغا بېرىپ جۇڭگو تىلىدىكى «ماناس» ئوپېراسىنى ئورۇنلايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق ئىگە بولغان بۇ مەدەنىيەت ئەڭگۈشتەرى يەنە بىر قېتىم پارلاق نۇر چېچىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ.

  قىرغىزىستاندا «قېرىنداشلىق رىشتى ھەممە بايلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن ماقال بار. جۇڭگولۇقلارمۇ دائىم «قېرىنداشلار قەلبداش بولسا، پايدا - مەنپەئەت قوغلاشماس» دەيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە جۇڭگو - قىرغىزىستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى تارىخ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىز قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، سىياسىي پارتىيە، يەرلىكتىكى ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشنى خالايمىز.

  بىز قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. بىز قىرغىزىستان كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، قىرغىزىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايمىز. بىزمۇ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمىز ۋە قوللايمىز.

  بىز قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، رايوننىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

  بىز قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز. دوستلار ئىزدەشكەنسېرى يېقىنلىشىدۇ، قوشنىلار ئىزدەشكەنسېرى تۇغقاندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ياشلار، تاراتقۇ، بىرلىشىپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى، ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  بىز قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دا بېكىتىلگەن ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپقا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلەپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رول ئوينىدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆزەتكۈچى دۆلەت، سۆزلىشىش ھەمراھى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇق بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

  قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  بىز پەقەت ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلا بولساق، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرى مۇقەررەر ھالدا تىيانشاندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارلىق تاغ شەمشادلىرىغا ئوخشاش بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.