شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يەر شارىۋى ساغلاملىق مۇنبەر يىغىنى چىڭداۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەممە ئادەم ساغلاملىقتىن بەھرىمەن بولۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يەر شارىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئاسىيا ھەمدە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر مۇھىم تىرىشچانلىق. يىغىننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كۈچ ۋە ئورتاق تونۇشنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، ئالماشتۇرۇپ - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يەر شارىۋى ساغلاملىق ئىشلىرى ۋە ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.