تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

توققۇز خىل خاتا چېنىقىش ئۇسۇلىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

  «ھاياتلىق ھەرىكەتتە»، تەنھەرىكەتنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ بىر قىسىم كىشلەر پېنسىيگە چىققاندىن كېيىن، بىكار ۋاقتى كۆپىيىپ، كۈتۈنۈش ۋە چېنىقىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بىراق، شۇنى بىلەمسىز؟ توغرا بولمىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىغان ھامان، خاتا چېنىقىش يولىغا كىرىۋالىسىز - دە، چېنىققانسېرى تېخىمۇ كۆپ كېسەللەرنى تېپىۋالىسىز.

  گۇاڭجوۋ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لىن جوۋشېڭنى تەكلىپ قىلىپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان توققۇز چوڭ خاتا چېنىقىش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ خاتا قارىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا چېنىقىشىغا ياردەم بەردى.

  چېنىقىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار:

  بىرىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش

  نېمە ئۈچۈن مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىسا ئاسان يارىلىنىدۇ؟ لىن جوۋشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەيدان ئۇسسۇلىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ئادەتتە بەدەننى ئايلاندۇرىدىغان، پۇتىنى تولغايدىغان ھەرىكەتلەر كۆپ، بۇ ھەرىكەتلەر بەدەننىڭ مەركىزىي ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، پۇتنىڭ كۈچى ۋە مۇقىملىقىغا بىرقەدەر يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ھە دېسىلا بىر - ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇسسۇل ئويناش، بوغۇملارنى ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى، قىيىنلىق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، ۋاقىت ۋە ھەرىكەت قىيىنلىق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش تىز بوغۇمىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  ئىككىنچى، مۈرە ئاغرىغاندا بىردەك تامغا يامىشىپ، مۈرىنى سىلكىپ چېنىقىش

  مۈرە بوغۇمى كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەممىسىنى ھەرگىزمۇ نوقۇل مۈرە بوغۇمىنى سوزۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئاۋۋال مەخسۇس دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ، ئاندىن مۇۋاپىق مەشىق قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، «قارلىغاچ ئۇچۇشى»، قورساق قاتلاش

  كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسىدا ئازدۇر - كۆپتۇر مەسىلىلەر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆڭەك شالاڭلىشىشنى قوشقاندا، قورساق قاتلىغاندا ناھايىتى ئاسانلا بويۇن ئومۇرتقىسى ۋە بەل ئومۇرتقىسىنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمىغىدەك ھالەتتە زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ھەرىكەتنىڭ باش قىسىمغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسانلا قان بېسىمى ئۆرلەپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

  تۆتىنچى، كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەت ئىشلەش

  بەزى ياشانغان كىشىلەر ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، ھەرىكەت مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، سالامەتلىككە شۇنچە پايدىلىق، شۇندىلا چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ھەرىكەتلەر قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ئىزچىللىقتا، ھەرگىزمۇ سۈرئەت ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىدە ئەمەس.

  بەشىنچى، پەلەمپەيدىن چىقىش، تاغقا يامىشىش

  پەلەمپەيدىن چىقىش نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشىك ئالدىدىلا چېنىققىلى بولىدىغان قولايلىق تۈر دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشكەندە، تىز بوغۇمىنىڭ بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تىز بوغۇملىرى قايتا - قايتا سۈركۈلۈپ، ئوخشاش ھەرىكەتنى قايتىلايدۇ، بۇ تىز بوغۇمىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئاشۇرۇپ، تىز بوغۇمى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  پەلەمپەيگە چىقىش بىلەن ئوخشاش بولغان تاغقا چىقىشمۇ ئوخشاشلا تىز بوغۇمىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، تاغدىن چۈشكەندە تىز بوغۇمى ئۇچرىغان سوقۇلۇش كۈچى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 5 ~ 8 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، لېپەك كۆمۈرچەك يۈزى ۋە يېرىم ئايسىمان تاختىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ تىز بوغۇمى زەخىملىنىشى كۆپ يۈز بېرىدىغان تۈر ھېسابلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، بويۇننى 360 گىرادۇس ئايلاندۇرۇش مەشىقى قىلىش

  نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر باش - بويۇن قىسمىنى ئايلاندۇرۇپ مەشىق قىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بويۇن ئومۇرتقىسىغا، بويۇن - مۈرە قىسمىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق دەپ قارايدۇ.

  ناۋادا بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ياشانغانلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى ھەتتا بويۇن ئارتېرىيە داغ پارچىسى شەكىللەنگەن بولسا، باش - بويۇن قىسمىنى قاتتىق ئايلاندۇرغاندا، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ھەتتا يىقىلىپ چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئارتېرىيە داغ پارچىسى چۈشۈپ، تاسادىپىي ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ياشانغانلار باش - بويۇن قىسمىنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇشى، ھەرىكەت دەرىجىسى، سۈرئىتى ۋە ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ۋە ئالدى - كەينى ھەرىكەتلەندۈرۈش دائىرىسى 180 گىرادۇس ئىچىدە تىزگىنلىشى ھەمدە ئارىلىقتا پات - پات 2~3 سېكۇنتقىچە تىنچ تۇرۇپ ئارام ئېلىش ئارقىلىق پەينى بوشىتىپ. جىڭلونى جانلاندۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، ھەرىكەتتە زەخىملەنگەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش

  لىن جوۋشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەرىكەتتىن زەخىملەنگەن جاينى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسا: زەخىملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە سوغۇق ئۆتكۈزگەندە (مەسىلەن مۇز پارچىسىدا سوغۇق ئۆتكۈزۈش)، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، قىل قان تومۇرلار تارىيىپ، قاناش ۋە قان سىرغىشنى ئازايتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئىكەن؛ 24 سائەتتىن كېيىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالىغاندا، قىسمەن جاينىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ قاننى جانلاندۇرۇپ، قان ئۇيۇشنى ئازايتىپ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  سەككىزىنچى، سەھەردە ئاچ قورساق چېنىقىش

  بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن قورساق قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ، تاماق يېمەي بىر - ئىككى سائەت چېنىققاندا، ئېنىرگىيە يېتىشمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىنىپ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ، قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولسا باش قېيىش، ئېغىر بولغاندا يۈرەك سېلىش، پۇت يۇمشاش، ئۆرە تۇرالماسلىق، ئەسلىدىلا يۈرەك كېسىلى بار ياشانغانلار تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.

  توققۇزىنچى، چېنىققاندا نەپىسىنى قىسىۋېلىش

  ياشانغانلارنىڭ يۈرەك - ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، نەپىسىنى سىقىپ تۇرۇپ كۈچىگەندە، ئۆپكە پۈۋەكچىسى يېرىلىش سەۋەبىدىن كۆكرەككە ھاۋا كىرىپ كېتىدۇ. نەپەسنى سىقىش يەنە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، كۆكرەك سىقىلىش، يۈرەك سېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەپەس سىققاندا كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاش سەۋەبىدىن، قان قايتىش مىقدارى ئازىيىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. نەپەسنى سىققاندىن كېيىن، قان قايتىش مىقدارى بىردىنلا كۆپىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، ئاسانلا مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  شۇڭا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ئارقان تارتىش، قاتتىق يەل گۇمپىسى، تورنىك تارتىش قاتارلىق نەپەسنى سىقىپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ياشانغانلار قىلسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى