تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇدا 110 مىڭ مو يەردىكى شال مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن فوتوسى، خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى دېھقانلار شال ئېتىزىدا ئوت يۇلماقتا. بۇ يىل، ئونسۇ ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك شال ئۇرۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئىلمىي مايسا يېتىشتۈرۈش، ماشىنا ئارقىلىق مايسا تىكىش، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئوت-چۆپ يۇلۇش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق مەھسۇلات ئاشۇرۇش تېخنىكا تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ناھىيە بويىچە 110 مىڭ مو يەردىكى شال مايسىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق كۆكىرىپ، ياخشى ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق شال ھوسۇلىغا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى