تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې جياڭ خەۋىرى): 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش قويى» تارقىتىش مۇراسىمىدا، كەنت ئاھالىسى تۇنىسا تۆمۈر خىزمەت ئەترىتى تارقىتىپ بەرگەن سەككىز «نامراتلارنى يۆلەش قويى»نى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلالمايمەن، كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا قوي تارقىتىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قويلارنى چوقۇم ياخشى بورداپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى يۆلەش سالمىقىنى تۆۋەنلەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پۈتۈن كەنت ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قوللىشى ۋە چودا يېزىلىق پارتكومنىڭ ياردىمىدە، نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش مەسئۇلىيەت خىزمەت مېخانىزمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى تارماق كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلدى، كەنت بويىچە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسپىنى قوش قاپلاش» ئەھۋالىغا قارىتا ئائىلە زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىش، ئېھتىياجقا قاراپ تەدبىر قوللىنىش، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن بولغان 13 نامرات ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەھلىل ، يەكۈن ئېلىپ بېرىپ، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» تەرتىپى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاجرىتىپ بەرگەن يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىپ 100 تۇياق قوي سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەتراپتىكى كارخانا ـ زاۋۇتلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، 27 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ كەنت ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.