تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇييۇڭ): 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، مىڭدەك ئادەم ئىپتىدائىي توغراقلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇق، توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى. بۇ قېتىمقى پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە يولى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇق تاشيولىنىڭ 70 كىلومېتىرلىق يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، توغراقلىق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان. مۇسابىقە ئەرلەر-ئاياللار پىيادە مېڭىش گۇرۇپپىسى ۋە ئەرلەر-ئاياللار ۋېلىسىپىت مىنىش گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 كوللېكتىپ مۇكاپات تۈرى ۋە ئالتە شەخس مۇكاپات تۈرى بارلىققا كەلدى.
بۈگۈر ناھىيەسى پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر :
买合吐玛
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/06/14 11:59
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.