تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې): 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 17دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈندۈزگىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن.
6-ئاينىڭ 12-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل-يېغىن بار بولۇپ، چۆچەك شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ كېيىن ئازراق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ، بورتالا شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، سانجى شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدا ئاساسەن ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاقسۇ شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، ئاتۇش شەھىرىدە سىم-سىم يامغۇر ياغىدۇ، قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ.
6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزگىچە يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن، ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28قا ئۆرلەيدىكەن.