تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 7-ئايدىن باشلاپ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئەڭ يېڭى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى يولغا قويىدۇ

  ئەڭ يۇقىرى تاپشۇرۇش تۈپ سانى 1200 يۈەن ئۆستۈرۈلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن، پىراكتىكانت مۇخبىر ما سىيۈ): 7-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى 2019-يىللىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تاپشۇرۇش تۈپ سانى 16 مىڭ 599 يۈەن بولۇپ، 2018-يىلىدىكىدىن 1200 يۈەن ئۆستۈرۈلدى، ئەڭ تۆۋەن تاپشۇرۇش تۈپ سانى 1620 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزگەرمىدى.

  6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى يىللىق تەڭشەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. 2019-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇش نىسبىتى %12-%5 (پۈتۈن سانلىق قىممەت بويىچە ئېلىندى)كىچە بولۇپ، ئورۇنلار نىسبەت دائىرىسى ئىچىدە، كونكرېت تاپشۇرۇش دائىرىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى يىغىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: تاپشۇرىدىغان ئورۇنلار بىۋاستە شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تورى ئۈرۈمچى تور تىجارەت زالىغا يوللايدۇ، بۇنىڭدا «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى سىستېما يوللانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك سېلىشتۇرىدۇ، تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن يۇقىرى ياكى تۆۋەن چېكىدىن تۆۋەنلىرىنى، سىستېما پەرق ئېتەلمەيدۇ، تاپشۇرغان ئورۇنلارمۇ تەڭشىيەلمەيدۇ.

  تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، ئىككى قىسىمنىڭ ھەممىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئىسچوتىغا ئامانەت قويۇلۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. 2019-يىللىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى چېكى 16 مىڭ 599 يۈەن بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى تاپشۇرىدىغان قىسىم ۋە ئىدارە-ئورۇن تاپشۇرىدىغان قىسىم %12لىك تاپشۇرۇش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى يۇقىرى چېكى 3984 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 288 يۈەن كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسلەرنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش ھەققى 1992 يۈەن، ئورۇنلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش ھەققى 1992 يۈەن.

  تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ تۆۋەن چېكى 1620 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزگەرمىدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزى تاپشۇرىدىغان قىسمى ۋە ئىدارە-ئورۇن تاپشۇرىدىغان قىسمى %5لىك تاپشۇرۇش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى تۆۋەن چېكى 162 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 81 يۈەن، ئورۇننىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش ھەققى 81 يۈەن.

  ئىدارە-ئورۇن ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋاڭ xنى مىسالغا ئالساق، ھازىر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 2414 يۈەن، قەرز سوممىسى 400 مىڭ يۈەن، قەرز مۇددىتى 16 يىل، ئايدا 2674 يۈەن تۆلەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش ئايلىق سوممىسى 2700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلسە، ھەر ئايلىق  ئاممىۋى فوند سوممىسى ئارقىلىق ئايلىق قەرزنى تولۇق تۆلىگىلى بولىدۇ.

  بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى مىسالغا ئالساق، ئىككى تەرەپ 800 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئالغان، قەرز مۇددىتى 30 يىل، ئايدا تۆلەيدىغان قەرزى 3481.65 يۈەن. ئەر تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 1588 يۈەن، ئايال تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 1752 يۈەن بولۇپ، ئىلگىرى ھەر ئايدا يەنە 141.65 يۈەن نەق پۇل تولۇقلايتتى. ئەگەر ئەر تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى 1700 يۈەنگە، ئايال تەرەپنىڭ 1900 يۈەنگە ئۆستۈرۈلسە، ھەر ئايلىق ئاممىۋى فوند سوممىسى ئارقىلىق ئايلىق قەرزنى تولۇق تۆلىگىلى بولىدۇ.

  تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇشتا «يۇقىرىسىغا چەك قويۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش» پىرىنسىپى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، 2019-يىلى يېڭىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ ئايلىق ئىش ھەققى كىرىمى ياكى ئەمەلىي تارقىتىلغان ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۇنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانى قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى