تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ياۋ مىڭ ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

6-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭ ھەربىي مەشىق دوكلات ئويۇنى كۆرۈشتىن بۇرۇن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېڭ يۇڭمىن فوتوسى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭنىڭ ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى مەركىزىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سايلام نەتىجىسى ھىندىستاننىڭ بانگالوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىدا بارلىققا كەلگەن، ياۋ مىڭ رەئىسلىككە سايلانغاندىن سىرت، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ لەنمۇ ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى مەركىزىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

  قاتار دۆلىتىدىن كەلگەن ئالسانى ئاسىيا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ لىدىرلىقىغا سايلانغان، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە. ياۋ مىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى