تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تيەنجىندىكى «خوتەن كەچلىك بازىرى» رەسمىي تىجارەت باشلىدى

  سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چېن يۈجۈن خەۋىرى: يېقىندا، تيەنجىن شەھىرى نىڭخې رايونى يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، شىنجاڭنىڭ شوخ ناخشا-ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ، مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى «خوتەن كەچلىك بازىرى » ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، يۇلغۇن كاۋىپى، مەززىلىك شىنجاڭ نېنىغا يەنە بىر بوتۇلكا شىخۇ پىۋىسىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش يەرلىكتىكى شەھەر ئاھالىسىنى ئىشىكى ئالدىدىلا شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس مەززىلىك تائاملىرىدىن پۇخادىن چىققۇچە ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن شەھىرى نىڭخې رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان 4000 كۋادرات مېتىرلىق يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان بولۇپ، كىرگۈزۈلگەن «خوتەن كەچلىك بازىرى»نىڭ كۆلىمى مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ 7/1 قىسمى ئەتراپىنى ئىگىلىگەن، 12 يايما ئورنى بار بولۇپ، تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ سودىسى قىزىپ كەتكەن.

  ئايتۇلانخان تۇرغۇن شىنجاڭ خوتەن كەچلىك بازىرىدىن تيەنجىن «خوتەن كەچلىك بازىرى»غا كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ خوتەندىمۇ كەچلىك بازار سودىسى قىلاتتى، بۇ قېتىم ئۇ يايما ئورنىنى پۈتۈنلەي تيەنجىنگە كۆچۈرۈپ كەلدى. «بىز ئاساسلىقى شىنجاڭ كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى قاتارلىق ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلەرنى ساتىمىز، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى خوتەندىن ھاۋا يولى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن بولۇپ، ناھايىتى يېڭى، بۇ ھەپتە كەچلىك بازاردا رەسمىي تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان مېھمانلار ناھايىتى كۆپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىمىز 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال.» دېدى ئايتۇلانخان، تيەنجىنگە كەلگەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت سودىگەرلەرگە ياتاق، تاماقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ يەردە خاتىرجەم سودا قىلالايدىكەنمەن.

  يەرلىك شەھەر ئاھالىسى لۈ جىڭ مۇنداق دېدى:« يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىم، كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، مەن شىنجاڭنىڭ كاۋىپىنى يېيىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، گۆشى جىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلىنى كۆرەلەيدىكەنمىز، بۇ يەر بەكلا ئاۋات ئىكەن.»

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسى تيەنجىن شەھىرى نىڭخې رايونى يۈنخې جىيايۈەنگە جايلاشقان، جەمئىي يەتتە يېمەك-ئىچمەك زالى ۋە 15 كۆچمە مال سېتىش بوتكىسى بار بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق سودىگەرنى سىغدۇرالايدىكەن، ھازىر سودىگەر چاقىرىش خىزمىتى ئاخىرلاشقان.

  تىجارەت باشقۇرۇش سودىگىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىشتىن رەسمىي تىجارەت باشلاشقىچە بولغان سەككىز كۈن ئىچىدە يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسى كۈتۈۋالغان شەھەر ئاھالىسى جەمئىي 329 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. 5-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان كېچىسى، «خوتەن كەچلىك بازىرى»دىكى 12 يايما ئورنىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى 43 مىڭ يۈەنگە يەتتى، تىجارەت باشلىغان 10 كۈندىن بۇيان، كۈندىلىك ئومۇمىي تىجارەت سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر كەچلىك بازاردىكى مەززىلىك تائاملاردىن كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، نان، سامسا، راڭپىزا-سېرىقئاش، ماروژنى قاتارلىق 10 نەچچە خىلى بار، كېيىنچە تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن،يېمەك-ئىچمەك تۈرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تىجارەت يايما ئورنىنى كۆپەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى