6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋېيتەي سارىيىدا شىنجاڭ چۇاڭزې ماشىنا ئادەم پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى ماشىنا ئادەم «چۇاڭچۇاڭ»نى تەڭشىمەكتە.
شۇ كۈنى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان 75 سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، مەھەللە، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارغا رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى، بۇ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دۆلەت دەرىجىلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئىشلىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)