تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شوتا يۆتكەشمۇ ياكى خىش ئېتىشمۇ

ــــ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش» ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك

جۇڭ شېڭ

  «ئىستېمالچىلارنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دۆلەت ئىچىدىكى ئەركىن رىقابەت ۋە پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئەركىن سودا». نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس فرىدماننىڭ بۇ مەشھۇر سۆزى ھازىرغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئويغىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  سودا ھەمكارلىقى قوش پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، سودا توقۇنۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى يوق، بۇ ئاللىقاچان دۇنيا تارىخى تەرىپىدىن قايتا - قايتا ئىسپاتلانغان داۋلى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى نەزەرگە ئالماي، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا قۇرۇلمىسى يۈكسەك دەرىجىدە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، مەنپەئىتى چوڭقۇر ئارىلىشىپ كېتىشتەك ئاساسىي پاكىتتىن پۈتۈنلەي چەتنەپ، ئاۋۋال «ئامېرىكا زىيان تارتىش سەپسەتىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جۇڭگو بىلەن بولغان سودىدا بىز ھەر يىلى 500 مىليارد دوللار زىيان تارتىمىز» دەپ جار سېلىپ، «جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ئوشۇقچىلىقى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىكى سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇقدىۋەتتى» «ئامېرىكا نەچچە مىليون ياسىمىچىلىق ئىش ئورنىدىن زىيان تارتتى» دەپ ئاغرىندى؛ ئارقىدىن يەنە «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق سەپسەتىسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز جۇڭگودىن نەچچە يۈز مىليارد دوللار تاموژنا بېجى ئالىمىز» دەپ جار سېلىپ، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە خەلق پاراۋانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆپەيتىش بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ سودا تالاش - تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى «ئورۇنلۇق سەۋەب»كە ئايلىنىپلا قالماي، يەنە تاموژنا بېجى چوڭ كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ ئېرىشكەن «غەلىبە مېۋىسى»گە ئايلاندى.

  لېكىن، ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟

  دۇنيادا ئەزەلدىن ئەجىرسىز نەپكە ئېرىشىدىغان ئىش بولمايدۇ. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ھېچكىم زورلۇق بىلەن تارتىۋالالمايدۇ. ئاشۇ ئاتالمىش تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش «دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ھەتتا ئەنئەنىۋى تىپتىكى سودىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سودا» دېگەن باھانىسى ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان يالغان - ياۋىداق سۆز؛ ئاشۇ ئاتالمىش تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكا خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىدۇ، دېگەن سەپسەتىلەر قىلچە ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىلغان ساختا كۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يېقىندا، نيۇيورك فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسى بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۆستۈرۈلگەن تاموژنا بېجى غايەت زور ئىقتىسادىي بۇرمىلىنىشنى پەيدا قىلىشى ھەم ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى كىرىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىنتايىن يۇقىرى بولغان باج نىسبىتى تاموژنا بېجى كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىمپورت سودىگەرلىرى تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان بىر دۆلەتتىن تاۋار ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدۇ ھەم باشقا دۆلەتلەردىكى (ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن) ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىدىن تاۋار ئىمپورت قىلىشقا ئىنتىلىدۇ». بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىمپورت سودىگەرلىرىنى بۇلتۇر ھەر ئايدا 4 مىليارد 400 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچراتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئالغان تاموژنا بېجى كىرىمى «ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار تارتقان زىياننى تولدۇرۇشقا يەتمىگەن». ھەتتا ئاقساراي دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كودلوۋمۇ جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا بىۋاسىتە تاموژنا بېجى تۆلىمەيدۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككىلا تەرەپ تاموژنا بېجى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، دەپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

  تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى «خەلق تۇرمۇشىنى قوغدىغانلىق» دەۋېلىش تېخىمۇ بىمەنە سەپسەتىدۇر. «خۇائېرجيې كوچىسى گېزىتى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى ئىستېمالچىلىرىغا نىسبەتەن غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ چېتىلىدىغىنى بىر قاتار ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ يۇقىرى باھاغا دۇچ كېلىدۇ. تېخىمۇ بىۋاسىتە كۆزەتكەندە، چىكاگو داشۆسى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتىدا، تەتقىقاتچىلار «كىرئالغۇنى مىسال قىلىپ» تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىستېمالچىلارغا بولغان تەسىرىنى ئىسپاتلىدى. نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى، 2018- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا ئىمپورت قىلغان كىرئالغۇغا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالغاندىن بۇيان، كىرئالغۇنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %12 ئۆرلەپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھەر يىلى كىرئالغۇ ۋە قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا قىلىدىغان چىقىمى 1 مىليارد 500 مىليون دوللار ئېشىپ، ھەربىر كىرئالغۇغا 86 دوللار ئارتۇق چىقىم قىلغان، ھەربىر قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا 92 دوللار ئارتۇق چىقىم قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ قوشۇپ ئالغان تاموژنا بېجى ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئىمپورت سودىگەرلىرى، توپ سېتىش سودىگەرلىرى، پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىستېمالچىلىرىغا يۈكلەنگەن. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ 150تىن ئارتۇق سودا جەمئىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «تاموژنا بېجى ئامېرىكىنىڭ كىندىك رايونىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، تاموژنا بېجىنى %25كە ئۆستۈرۈش ئامېرىكىنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئىش ئورنىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن ھەم پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى ھەرگىزمۇ «خۇش خەۋەر» بولماستىن، بەلكى «قاباھەتلىك چۈش» بولۇپ، تاموژنا بېجىنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئىستېمالچىلىرى ۋە كارخانا ساھەلىرى «ئۈستىگە ئالىدۇ».

  قايىل قىلارلىق پاكىت ئالدىدا، كۈچلۈك قارشى تۇرۇش سادالىرى ئاستىدا، ئاشۇ ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىمۇ گېپىنى ئۆزگەرتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاتالمىش «قىسقا مۇددەت ئاغرىش، ئۇزاق مۇددەت پايدا ئېلىش» ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق باھانە ئىزدىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسقا مۇددەتتە ئاغرىيدىغىنى ئېنىق، ئۇزاق مۇددەتتە پايدا ئېلىشىمۇ ناتايىن. ئامېرىكىدىكى سېرىق پۇرچاق تېرىغۇچى دېھقانلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار قانچىلىك سېرىق پۇرچاق تېرىش، زاپاس ساقلىغان سېرىق پۇرچاقلارنى تۆۋەن باھادا سېتىش - ساتماسلىقتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش زەربىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ «40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران ئېرىشكەن بازار» بولۇپ، بىردىنلا ئايرىلىپ قالسا قاچان قايتا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

  ھازىر، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقتا پات - پات سۈركىلىش ۋە ئىختىلاپقا دۇچ كېلىپ تۇرسىمۇ، بىراق شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى بىلەن چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ دەل جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن، جاھىللىق بىلەن ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلغاندا، نەتىجىدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپمۇ ئۆزى پايدا ئالالمايدۇ. ئەنگلىيە «ۋېيباۋ گېزىتى» دەل جايىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ئاساسەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ھەربىر ساھەسىگە زىيان يەتكۈزدى، غەلىبە قىلغۇچى ئاساسەن مەيدانغا كەلمىدى. تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ھەرگىزمۇ «شوتا يۆتكەش» بولماستىن، بەلكى «خىش ئېتىش». ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەيلى دۇنيا خەلقى بولسۇن ياكى ئامېرىكا خەلقى بولسۇن، ھەممىسى بۇ نۇقتىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يېتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى