تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دېھقانلار ئائىلىسى مېھمانخانىسىدىكى «ھەر خىل تەلەپپۇز»

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ يۈ، دىڭ لېي) كەچ كىردى، يۈك - تاق چامادىنىنى سۆرىگەن دوۋ لىپىڭ ئۆي ئىشىكىنى ئېچىپ، چىراغ يىپىنى ئاۋايلاپ تارتتى، بىر ئېغىزلىق سەككىز كىشىلىك سالقىن ياتاق دەرھال ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

  بۇ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى شىيغانجىيدە يېزىسىنىڭ ساربۇلاق كەنتى بولۇپ، كەنتتىكى چىراغلار جىمىرلاپ يېنىشقا باشلىغاندا، 55 ياشلىق قازاق چارۋىچى دىلداش مۇتىنىڭ دېھقانلار ئائىلىسى مېھمانخانىسىدىن شاڭخەي تەلەپپۇزى، سىچۇەن تەلەپپۇزى، خېنەن تەلەپپۇزى، يەنە گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۈگۈن كەچ كەنتتىكىلەر ياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  مۇخبىرلار مېھمانخانىغا كەلگەندە، دىلداش مۇتى ئەمدىلا كېلىپ ئورۇنلاشقان شېنجېنلىق ساياھەتچى دوۋ لىپىڭغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەملىشىپ كارىۋىتىنى راسلاۋاتاتتى، «ھەممىسى مۇشۇنداق تۇتاش كارىۋات، بىراق خاتىرجەم بولۇڭ، يوتقان - كۆرپىلەرنى تېخى تۈنۈگۈنلا ئالماشتۇرغان. بۈگۈن كەچتە لەڭمەن ئېتىمىز، ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن چىقىپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە تاماق يەڭ».

  شىنجاڭنىڭ شىمالىي رايونىدا، بەزى قازاق چارۋىچىلار پەسىلگە قاراپ يايلاق كۆچۈش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن. ساربۇلاق كەنتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار ھەر يىلى يازلىق يايلاققا كۆچكەندە چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جاي. كەنت ئاھالىلىرى ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ يايلاق كۆچۈپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن كەنتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلىكلەر «جەزمەن كېلىشكە تېگىشلىك» توردا داڭ چىقارغان جايغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدى. ئۇدا نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق ياز، كۈز ئىككى پەسىللىك يايلاق كۆچكەندە، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلار، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە تولۇپ كېتىدۇ، كەنتتىكى ئون نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى ئاچقان مېھمانخانىمۇ بىردىنلا جانلىنىپ، كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنى تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  سائەت 22 دە، كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، دىلداش مۇتى يەنىلا كەچرەك يېتىپ كەلگەن مېھمانلارغا «ئۆز ماھارىتى»نى كۆرسىتىپ بەردى. بىردەمدىلا، تەخسىلەردە ھورى ئۆرلەپ تۇرغان گويرۇ لەڭمەن ئۈستەلگە ئېلىپ كېلىندى. چۆپى ئازمۇ؟ ھەقسىز قوشۇپ بېرىلىدۇ، تويغىچە يەيسىز.

  سەپەر ھاردۇقى يەتكەن، ئوخشاش بولمىغان جاينىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىشىدىغان بۇ ساياھەتچىلەر قاچا - قۇچىلارنى ئاددىي كۆرمىدى، پارقىراپ تۇرغان چۆپلەرنى بىردەمدىلا پاك - پاكىز يەپ بولدى، يەنە بىر چىشتىن سامساقنى ئاقلاپ يەپ، بىردەمدىلا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى. بۇ خىل يېيىش ئۇسۇلى سەل قوپالراق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مېھمانلار تاماقلىنىپ بولغاندىن كېيىن «پۇخادىن چىقتۇق»! دېيىشتى.

  يېمەك - ئىچمەكتىن زور قانائەتلىنىش بىلەن بىللە، تۇنجى كۆرۈشكەن ناتونۇش كىشىلەرمۇ پاراڭغا چۈشتى. «مېنىڭ يايلاق كۆچۈشنى كۆرۈشكە ئىككىنچى يىلى كېلىشىم، كۆپچىلىككە بىر تەكلىپ بېرەي، بىز ئەتە ئەتىگەن سائەت 5تىلا يولغا چىقايلى، قۇياش يېڭى كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى مەنزىرە ئەڭ گۈزەل» دېدى دوۋ لىپىڭ.

  «تەجرىبىسى بار كىشى» بارلىقىنى بىلگەن بىرقانچە سىچۇەنلىك، شاڭخەيلىك ساياھەتچى دەرھال يېقىن كېلىپ ئۇنىڭدىن تەجرىبە ئىگىلىمەكچى بولدى: ئەتىگەندە تاغقا چىقساق توڭلامدۇق، قەيەر سۈرەت تارتىشقا بولىدىغان ئەڭ ياخشى جاي، قوي پادىسى ئادەتتە سائەت قانچىدە ئۆتىدۇ ... دوۋ لىپىڭمۇ بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى، بىردەمدىلا كۆپچىلىك تونۇشۇپ كەتتى.

  بەزىلەر پىۋا ئالدى، رومكا سوقۇشتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئورغاق ئاينىڭ چىققانلىقىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى، كېچە مەنزىرىسى جىمجىتلىققا چۆمگەن ساربۇلاق كەنتىنى قاپلىدى. ئۆينىڭ سىرتىدىكى ئوتلاق، كىگىز ئۆيلەر تىمتاسلىق ئىچىدە تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى؛ ئۆي ئىچىدە ساياھەتچىلەر سائەت قوڭغۇرىقىنى توغرىلىشىپ تەدرىجىي تاراشتى، مېھمانخانىدا جىمجىتلىق ئەسلىگە كەلدى.

  مۇشۇ چاغدا ئاندىن دىلداش مۇتىنىڭ ئولتۇرۇپ پۇتىنى سوزۇپ ئارام ئېلىشقا ۋاقتى چىقتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يايلاق كۆچكەندە مەن ئۆي كۆچۈش بىلەن ئالدىراش بولاتتىم، ھازىر يايلاق كۆچكەندە پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولىدىغان بولدۇم».

  بالىلىق چاغلىرىدىكى ئاتا - ئانىسى بىلەن تاغ - داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتكەن خاتىرىلەر دىلداش مۇتىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە نامايان بولدى. كىم ئويلىغان دەيسىز، ئون يىل ئارىلىقىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئېگىز تاغدىكى چارۋىچىلىق فېرمىسىدىن خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى، تىرىكچىلىك يولىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.

  يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى چارۋىچىلار تەدرىجىي زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى، پۇل تېپىشتا كالا، قوي، تۆگىلەرنىلا چۆرگۈلەپ يۈرمەيدىغان بولدى. بەزى چارۋىچىلار ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ساياھەتنىڭ ئېشىنى يېدى؛ بەزى چارۋىچىلار باشقىلارغا «ۋاكالىتەن مال باقتۇرۇش»نى تاللىدى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئاجرىتالايدىغان بولدى؛ يەنە بەزى چارۋىچىلار يېرىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۆزى باشقا ئىش تېپىپ ئىشلەپ بىرلا ۋاقىتتا قوش كىرىم قىلىدىغان بولدى ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى