تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇردى

ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى پارچە خىراجەت ھەم تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىقلاردىكى ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەرتىپكە سېلىپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقان.

  ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇلازىمىتى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى D تىپلىق ئۇزۇن، چوڭ يۈك ۋاگونىنى ئىشلىتىش مۇلازىمەت ھەققى ۋە ۋاگون ياپقۇچىنى ئىشلىتىش مۇلازىمەت ھەققى، مېخانىكىلىق سوغۇق ساقلاش ۋاگونىنىڭ توڭلىتىش ھەققى، يۈك چۈشۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ مەشغۇلات مۇلازىمەت ھەققى، تازىلاش، بۇلغىما يوقىتىش ھەققى، تاموژنا تەكشۈرۈش رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك پارچە خىراجەت تۈرىنى بىكار قىلىپ، يۈك تىرانسپورت پارچە خىراجىتىنى 33 تۈردىن 27 تۈرگە ئازايتقان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول تارماقلىرى تۆت تۈرلۈك پارچە خىراجەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يۈك پويىزىنى مۇددەتنى ئۇزارتىپ ئىگىلەپ ئىشلىتىش ھەققى ئۆلچىمى، ۋاگونغا قاچىلاش ۋاقتى 3.5 سائەتتىن 4.5 سائەتكە ئۇزارتىلدى، يۈك چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن تۆت سائەتكە ئۇزارتىلدى؛ قاچىلاش - چىڭىتىش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمى، %30 يۇقىرى ئۆرلىتىشتىن %15 يۇقىرى ئۆرلىتىشكە تەڭشەلدى؛ قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش ھەققى ئۆلچىمى، پۈتۈن پويىز ئاساسىي مۇساپىسى ئون كىلومېتىرغا 15 يۈەن/توننىدىن 13 يۈەن/توننىغا تەڭشەلدى، ئاشقان ئاساسىي مۇساپىسى 0.8 يۈەن/ توننا كىلومېتىردىن 0.6 يۈەن/توننا كىلومېتىرغا تەڭشەلدى؛ قايتۇرۇپ كېلىش، يەتكۈزۈش ھەققى ئۆلچىمى، پۈتۈن پويىز توققۇز يۈەن/ پويىز كىلومېتىردىن 8.19 يۈەن/ پويىز كىلومېتىرغا تەڭشەلدى.

  دۆلەتنىڭ قاتناش - تىرانسپورت كەسپى قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتىنى %10تىن %9كە تۆۋەنلىتىش باج كېمەيتىش سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ماس قەدەمدە تۆمۈريول يۈك توشۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، كېمەيتىلگەن باج باج سوممىسىنى تەڭ سوممىدا ئىككىلەمچى كارخانىلارغا يەتكۈزدى.

  5- ئاينىڭ 31- كۈنى، تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى (مەخسۇس تۆمۈريولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ۋاكالىتەن تىجارەت قىلىش، ۋاكالىتەن ئاسراش، ئۆزى تەييارلىغان پاراۋۇز، يۈك پويىزىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش مۇلازىمەت ھەققى قاتارلىقلارنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش