تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئاچتى

باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  6- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلارنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىنكى يېڭى فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، دىققەتنى «تۆتكە توغرىلىنىش» بويىچە قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، تەپتىش خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ماھىر بولۇپ، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ ئىشلىرى، مەمۇرىي ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تەپتىش قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان سىياسىي ئورگىنى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بەلگىلەش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپنى باشقۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، تۆھپە قوشالايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

  6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە نىشان - تەلىپىنى تولۇق تونۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورگان ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئەستايىدىل بېكىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى قايتا ئويلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى ئىزدەپ تېپىش؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى ماددىمۇماددا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرمۇتۈر توغرا ئىگىلەش كېرەك. «ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشچان ئۆلكە، رايون قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  6- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرما يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى، بىخەتەر تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جاۋ شىيا، شيې خۈيبيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرى خۇ يىڭخۇا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى