تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىجادىي شەھەر باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەلنى غەمدىن خالاس قىلدى

كوچا باشقارمىسى تالون يوللىسا، تارماقلار تالون قوبۇل قىلدى

سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىجادىي شەھەر باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەلنى غەمدىن خالاس قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى ئاھالە شۆ پىڭ يول يۈزىدىكى بىر قۇدۇق قاپقىقىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى، يولدا ئادەملەر، ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى، ئۇ دەرھال فۇشىن كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى «3365800»گە تېلېفون قىلدى.

  فۇشىن كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزى تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تېزلىكتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى ماسلاشتۇرۇپ شۇ ھامان نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا يېڭى قۇدۇق قاپقىقىنى ئورناتتى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كوچا باشقارمىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن ئوبلاستتا «كوچا باشقارمىسى تالون يوللىسا، تارماقلار تالون قوبۇل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدا «بىر تارماق» قوبۇل قىلىش، «بىر ئورۇن» ئورۇنلاشتۇرۇش، «بىر ئەترەت» قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كوچا باشقارمىسىنىڭ «كۆرسىمۇ باشقۇرالماسلىق»، تارماقلارنىڭ «باشقۇرالىسىمۇ كۆرەلمەسلىك»تەك تەرتىپكە سېلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

  «ھازىر بىزگە بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى قاتارلىقلاردىن بەش قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ئورۇنلاشتى، ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، كوچا باشقارمىسىدا قەرەللىك چارلاپ، زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.» فۇشىن كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ ئاھالە بۇ خىل خىزمەت مېخانىزمىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھېس قىلدى.

  يېقىنقى كۈنلەردە، سانجى شەھىرىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايونىدىكى لىفىتتا پات - پات كاشىلا كۆرۈلدى، مەھەللە تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق «يۇقىرىنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇش»نى تاللىدى، كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزى توردا تالون يوللىدى، جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش، ئۆي باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار سالاھىيىتى بار تۆت لىفىت رېمونت قىلىش، ئاسراش شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى 14 يۈرۈش ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىكى 44 لىفىتنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇشتا، پەقەت ئامما دەۋا - تەلىپىنى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزىگە ئىنكاس قىلسىلا، تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بولۇش سۈپىتىدە، مەركەز مەسىلىنىڭ قىيىن - ئاسانلىق دەرىجىسى، خاراكتېرى - تۈرىگە ئاساسلىنىپ، تالون مەنبەسىنى جىددىي تالون، ئادەتتىكى تالون، مۇھىم تالون دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان ھەم ھەربىر تالوننىڭ بېجىرىلىش ۋاقىت چېكىنى بەلگىلەپ، تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلغان.

  يوللانغان تالوننىڭ يوللىنىشىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا، قوبۇل قىلىنغان تالوننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، «تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىش» بۆلىكىنى ئېچىپ، توردا تالون يوللاش ۋە توردا تالون قوبۇل قىلىشنى يولغا قويدى، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزى پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇپ، ئىنكاس قىلىش يوللىرى، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش ۋاقتى، يوللانغان تالوننىڭ تۈرى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، بېجىرىش نەتىجىسى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى بىر كۆرۈپلا بىلەلەيدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئوبلاستتا «تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىش» مېخانىزمىنى يولغا قويغان 14 كوچا باشقارمىسى(بازار) بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلغان تەرتىپ بويىچە، جەمئىي 486 تالون يوللاپ، تۈزەش قىيىن 396 مەسىلىنى ھەل قىلدى، سۈرۈك ئىچىدە 90نى بېجىردى، بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %81.48 بولدى، بىر تۈركۈم ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ئۆي سېلىۋېلىش، يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش، ئەسلىھەسى كونا بولۇش، مۇھىتى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆڭۈلسىز ئىشلار ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

  «ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدا تالون يوللاش، تالون قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات قاترايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىغا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى» دېدى سانجى شەھەرلىك جيەنگو يولى كوچا باشقارمىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى شياۋنەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى