تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەملىكەت بويىچە تۇنجى رايون دائىرىلىك «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى» ئېچىلدى

سەپەر تېزلەشتى، مەنزىرە رايونلىرى تۇتاشتۇرۇلدى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى رايون دائىرىلىك «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى» ئېچىلدى

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 14تە، 50 يولۇچى ئولتۇرغان «ئالتاي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس ئايروپىلانى ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن كۆتۈرۈلۈپ، 30 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، قاناس ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان يەنە قاناس ئايرودۇرۇمىدىن بىر تۈركۈم يولۇچىلارنى ئېلىپ كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچتى. «ئالتاي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مەملىكەت بويىچە تۇنجى رايون دائىرىلىك «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى»نىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى»نىڭ ئېچىلىشى ئالتاي ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى بەيشاخۇ، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقايدىن ئىبارەت دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئۈچ مەنزىرە رايونى ئارىسىدا ئايلىنىپ ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى» قاناس مەنزىرە رايونىدىن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ۋاقىتنى قۇرۇقلۇقتىكى ئون نەچچە سائەتتىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتقا قىسقارتتى، ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن قاناس، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ۋاقىتنى 30 مىنۇتقا قىسقارتىپ، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا» بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى»نىڭ بېلەت باھاسىمۇ دۆلەت پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۆلچەملىك بېكىتىلگەن باھاسى ئاساسىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئاۋىياتسىيە ساياھىتى باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن، ئايلانما لىنىيەدىكى ھەربىر بېكەتتە ئىجرا قىلىنىدىغان بېلەت باھاسى ئوتتۇرىچە 300 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتكۈل ھاۋا بوشلۇقى ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى (ئۈچ بېكەت ئارىسىدا ئايلىنىپ ئۇچۇش)نىڭ ئومۇمىي باھاسى 1000 يۈەن ئىچىدە قىلىپ بېكىتىلدى.

  «ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاپتوبۇسى ئايلانما لىنىيەسى» ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتاي ئاۋىياتسىيە كەسپى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئالتاي ئاۋىياتسىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتى دېيىلىدۇ) بىلەن بەخت ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىرلىشىپ بەرپا قىلغان رايون ھاۋا بوشلۇقى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى چېن بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ھاۋا قاتنىشى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ ئۇچقىلى بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تېز بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان «ھاۋا بوشلۇقى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى» بولۇپ، «سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا» بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  «ئالتاي، قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق بىر رايون تەۋەسى ئىچىدىكى ئۈچ ئايرودۇرۇمدا بىرلا ۋاقىتتا يېڭى ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى ھەمدە ئۇلانما ئايلىنىپ ئۇچۇش شەكىللەندى، بۇ دۆلەت ئىچىدە تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ بەخت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا بەرپا قىلىدىغان ئايلىنىپ ئۇچۇش تورىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى بەخت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش لىدىرى جوۋ جيەن.

  ئالتاي ئاۋىياتسىيە مەبلەغ سېلىش شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۈن شياۋجىن مۇنداق دېدى: ئالتاي شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇم تورى بىر قەدەر كۆپ ئىككىلەمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمى بولۇپ، كەلگۈسىدە يەنە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايروپورتى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىنى تۇتاشتۇرۇشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئۇلانما ئايلىنىپ ئۇچۇش رايون تەۋەسى ئىچىدە ئۇچۇش - قونۇش نۇقتىسىنى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە تورى بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالتاينى «يىپەك يولى ئاۋىياتسىيە بېكىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئاۋىياتسىيە ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى