تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنى ۋە دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ئىسمى - جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى دوستلار، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا يۈزلەنمەكتە. قىرغىزىستاندا، تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ ۋە زۇڭتۇڭ راخمان ئۆتكۈزىدىغان قارشى ئېلىش مۇراسىمى، سۆھبەتلىشىش، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى يىرىك پىلان تۈزۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇلتۇر 6- ئايدىكى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر يىغىن نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرەسمىي قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتى، كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، كىچىك، چوڭ دائىرىدە سۆھبەتلىشىش، ھۆججەت ئىمزالاش مۇراسىمى، قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى ھەمدە مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەپەككۇر يولى، يېڭى تەدبىرلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ «شاڭخەي روھى»نى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەشەببۇس ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن «بېشكەك خىتابنامىسى»نى ئىمزالايدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، يىغىننىڭ خەۋەر ئاخباراتىنى ئېلان قىلىدۇ، كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدۇ ياكى تەستىقلايدۇ. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان مۇناسىۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈش ئۆتكۈزىدۇ.

  جاڭ خەنخۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىنغان 27 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە پائال رول ئوينىدى. 2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاسىيا خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 9- ئايدا، جۇڭگو تەرەپ رەئىس دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تاجىكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئەزا دۆلەتلەر ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، باشلىقلار يىغىنى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق نەزەر سېلىش: بىخەتەر ۋە تېخىمۇ گۈللەنگەن ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش رايونى ئۈچۈن». جۇڭگو تەرەپ رايون ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ئىشىنىش تەدبىرلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا خىتابنامە ماقۇللىنىدۇ ھەم ئېلان قىلىنىدۇ.

  جاڭ خەنخۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنى زىيارەت قىلىشى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، بۇ، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.