تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ھەم تۈرگە يانداشتۇرۇلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ھەم تۈرگە يانداشتۇرۇلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك پىشاڭ تۈگىتىش ئاساسىي تەپەككۇر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كونترول قىلغىلى بولىدىغان، تەرتىپلىك، مۇۋاپىق بولۇش تەلىپى بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈر زايومىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس تۈر زايومى كۆلىمىنى بىرقەدەر زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تەڭكەشلىكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مەخسۇس تۈر زايومى تارقىتىش ھەم تۈرگە يانداشتۇرۇلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.