شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ توقايېۋغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - قازاقىستان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستانە قوشنىلار ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئالدىدا ماڭدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. مەن جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. سىز بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.