تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا ئاياللار قورشاۋ شاھمات كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ۋە كورېيە كوماندىسىدىن ئىككىدىن ماھىر قالدى

  گۇاڭجوۋ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شاۋزۇڭ) 9-نۆۋەتلىك «خۇاڭلۇڭشى . جىڭدۇەن پەن - تېخنىكا لوڭقىسى» دۇنيا ئاياللار قورشاۋ شاھمات كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ 11- مەيدانى 6-ئاينىڭ10-كۈنى جياڭسۇدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، كورىيە كوماندىسىنىڭ شاھماتچىسى ۋۇ يوۋجېن ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى شاڭيې ئەيشياۋمېينى يەڭدى. ھازىرغا قەدەر، ياپونىيە كوماندىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى، جۇڭگو كوماندىسى ۋە كورېيە كوماندىسىدىن ئىبارەت ئىككى كوماندىنىڭ ئىككىدىن شاھمات ماھىرى قالدى.

  12 - مەيدان مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى لۇ مىنچۈەن ۋۇ يوۋجېنغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش